Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇشى

1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.

2 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.

3 ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

4 ئۇ داستىخاندىن تۇرۇپ، تونىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.

5 ئاندىن، بىر جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، شاگىرتلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى.

6 نۆۋەت سىمۇن پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس: - ئى رەببىم، پۇتۇمنى سىز يۇسىڭىز قانداق بولغىنى؟! - دېدى.

7 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر چۈشەنمەيسەن، لېكىن كېيىن چۈشىنىسەن، - دېدى.

8 - مەن پۇتۇمنى ھەرگىز سىزگە يۇغۇزمايمەن! - دېدى پېترۇس. - پۇتۇڭنى يۇمىسام، سەن مەن بىلەن بىرگە بولالمايسەن، - دېگەن جاۋابنى قايتۇردى ھەزرىتى ئەيسا.

9 سىمۇن پېترۇس: - ئى رەببىم، ئۇنداقتا پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسىز! - دېدى.

10 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يۇيۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا، پۈتۈن ئەزاسى پاك بولىدۇ. سىلەرمۇ گۇناھلىرىڭلاردىن پاك، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، - دېدى.

11 (ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەممىسىنىڭلا پاك ئەمەسلىكىنى دېگەنىدى.)

12 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تونىنى كىيىپ يەنە داستىخانغا ئولتۇردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر نېمە قىلغانلىقىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟

13 سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.

14 مەن رەببىڭلار ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق پۇتلىرىڭلارنى يۇغاندىكىن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك.

15 بۇ سىلەرنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلارغا خىزمەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈلگەمدۇر.

16 بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.

17 بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ساتقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى ئالدىن ئېيتىشى

18 «سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.

19 سىلەرگە بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر.

20 يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

21 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئازابلانغان ھالدا ئوچۇقىنى ئېيتتى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!

22 شاگىرتلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى.

23 ھەزرىتى ئەيسا ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارالغان شاگىرت ئۇنىڭ يېنىدا يانپاشلاپ ياتاتتى.

24 سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەيسادىن كىمنى دېمەكچى بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئىشارەت قىلدى.

25 شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا يېقىن كېلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا: - ئى رەببىم، سىزگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىم؟ - دەپ سورىدى.

26 ھەزرىتى ئەيسا: - بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن، ئۇ ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى.

27 يەھۇدا ناننى ئېلىشىغىلا ئىچىگە شەيتان كىردى. - قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

28 داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇداغا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى چۈشەنمىدى.

29 ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.

30 يەھۇدا ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغ كېچە ئىدى.


يېڭى ئەمر

31 يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەمدى ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. ئۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ شان-شەرىپىمۇ ئايان بولىدۇ.

32 خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇ ئارقىلىق ئايان بولغانىكەن، خۇدا ئۆزىمۇ ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپىنى دەرھال ئايان قىلىدۇ.

33 بالىلىرىم، مېنىڭ ئەمدى سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتىم ئاز قالدى. كېيىن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا ئېيتقىنىمدەك سىلەرگىمۇ ئېيتىمەنكى، مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر.

34 ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.»

35 بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممەيلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇيدۇ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى

36 سىمۇن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، قەيەرگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى. - مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن بارىسەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

37 پېترۇس ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ھازىر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن بارالمايمەن؟ سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا! - دېدى.

38 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭ پىدامۇ؟ بىلىپ قويغىنكى، خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan