Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار تۇرغان جاي - بەيتانىياغا كەلدى.

2 ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىلدى. مارتا ئۇ يەردە مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى. لازار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلاردىن بىرى ئىدى.

3 مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى.

4 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت:

5 - بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن! نېمىشقا بۇ ئەتىر سېتىلىپ، پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلمىدى؟ - دېدى.

6 بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.

7 - ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەت! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - ئۇ بۇ ئارقىلىق مېنىڭ دەپنە قىلىنىدىغان كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

8 كەمبەغەللەر ھەر دائىم ئاراڭلاردا، لېكىن مەن ھەر دائىم ئاراڭلاردا بولمايمەن.


ئالىي روھانىيلارنىڭ لازارنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

9 زور بىر تۈركۈم يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەيتانىيادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە يالغۇز ھەزرىتى ئەيسانى ئەمەس، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كەلدى.

10 ئالىي روھانىيلار بولسا لازارنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى.

11 چۈنكى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى.


شەرەپ بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىش

12 ئەتىسى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر تۈركۈم خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

13 ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.

14 ھەزرىتى ئەيسا بىر تەخەي تېپىپ مىندى. بۇ ئىشنى زەكەرىيا پەيغەمبەر خېلى بۇرۇن ئالدىن ئېيتىپ، مۇنداق يازغانىدى:

15 «ئەي يېرۇسالېم خەلقى، ئەمدى قورقماڭلار! مانا، پادىشاھىڭلار تەخەي مىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»

16 ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ چاغدا بۇنى چۈشەنمىگەنىدى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا تىرىلىش ۋە ئاسمانغا چىقىش بىلەن ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، زەكەرىيا پەيغەمبەر يازغان بۇ سۆزلەرنى ھەمدە بۇ ئىش دەل پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقاندەك چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

17 ھەزرىتى ئەيسانىڭ لازارنى يەرلىكىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ مۆجىزە توغرىسىدا باشقىلارغا توختىماستىن خەۋەر قىلدى.

18 خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياراتقان بۇ مۆجىزىسىنى ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى.

19 پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: - قاراڭلار، بىزنىڭ قىلغىنىمىز بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمەكتە! - دېيىشتى.


گرېكلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى

20 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بەزى گرېكلارمۇ بار ئىدى.

21 بۇلار جەلىلىيىنىڭ بەيتسايدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: - جانابلىرى، بىز ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، - دەپ تەلەپ قىلىشتى.

22 فىلىپ بېرىپ بۇنى ئەندەرگە مەلۇم قىلدى. ئاندىن، ئۇلار ئىككىسى ھەزرىتى ئەيساغا خەۋەر قىلدى.

23 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى.

24 بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇغداي دېنى توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولمىغۇچە، يەنىلا بىر تال دان پېتى تۇرىدۇ. قۇربان بولسا، بىخ سۈرۈپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ.

25 ھاياتىنى ئايىغانلار ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيادا ھاياتىنى ئايىمىغانلار ئۇنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.

26 كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

27 - ھازىر كۆڭلۈم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەيمۇ؟ ياق! مەن شۇ ۋاقىت-سائەتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم.

28 ئاتا، ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكىن! شۇ ۋاقىتتا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: - ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرسەتتىم ۋە يەنە كۆرسىتىمەن.

29 شۇ مەيداندىكى بۇنى ئاڭلىغان خالايىق: - ھاۋا گۈلدۈرلىدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: - بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا:

30 - بۇ سۆزلەر مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ ئېيتىلغان.

31 بۇ دۇنيا ئەمدى سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتانمۇ ئەمدى ئاغدۇرۇلىدۇ.

32 مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، - دېدى.

33 (ئۇ بۇنى دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.)

34 خالايىق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن: - مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دېيەلەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.

35 - نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.

36 شۇڭلاشقا، نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خالايىقتىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.


يەھۇدىيلارنىڭ تەرسالىقى

37 گەرچە ئۇ خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.

38 بۇ ئەھۋال دەل يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەندەك چىقتى: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟ سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭ كىمگە كۆرسىتىلدى؟»

39-40 خالايىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى يەشايا پەيغەمبەر ئالدىنئالا چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى: «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلدى، قەلبىنى بىخۇدلاشتۇردى. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قەلبى سەزمەس بولۇپ قالدى. ˜ئۇلار گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ماڭا قايتىشنى خالىمايدۇ. خالىسىدى، مەن ئۇلارنى ساقايتاتتىمŒ دەيدۇ خۇدا.»

41 يەشايا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا ئېيتقانىدى.

42 ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن، ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

43 بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنساندىن كېلىدىغان ماختاشنى خۇدادىن كېلىدىغان ماختاشتىنمۇ ياخشى كۆرەتتى.

44 ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ماڭىلا ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ.

45 مېنى كۆرگەنلەر مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ كۆرگەن بولىدۇ.

46 مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، دۇنياغا نۇر بولۇپ كەلدىم.

47 سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم.

48 بىراق، مېنى رەت قىلغانلارنى ۋە سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتقۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېيتقان سۆزلىرىم بولۇپ، ئۇ قىيامەت كۈنى كىشىلەرنى سوراققا تارتىدۇ.

49 چۈنكى، مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق. نېمىنى سۆزلىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىنى مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ماڭا بۇيرۇدى.

50 ئۇنىڭ بۇيرۇقىنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا، نېمىنى سۆزلىسەم، خۇدائاتامنىڭ ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan