يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسا - «ياخشى قويچى»~دۇر 1 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. 2 ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا شۇ قويلارنىڭ قويچىسىدۇر. 3 كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ. 4 قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. 5 يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. 6 ئەتراپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى. 7 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. 8 مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا بوي بەرمىدى. 9 ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. 10 ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم. 11 ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر. 12 مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ خوجايىنى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرە قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. 13 مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى، ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. 14-15 ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى - بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا. 16 بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ. 17 ئاتام مېنى سۆيىدۇ. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلغاندىن كېيىن تىرىلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى پىدا قىلىشنى خالايمەن. 18 جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان. 19 بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش چىقتى. 20 بىرمۇنچە كىشىلەر: - ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ - دېيىشەتتى. 21 يەنە بەزىلەر بولسا: - جىن تەگكەن ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن تەگكەن ئادەم قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ رەت قىلىنىشى 22 قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 23 ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پادىشاھنىڭ پېشايۋىنى» دېگەن يەردە ئايلىنىپ يۈرەتتى. 24 خەقلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: - بىزنى يەنە قاچانغىچە گۇماندا قالدۇرىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، - دېيىشتى. 25 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سىلەرگە ئېيتقان، لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلمىدىڭلار. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئىشلىرىم مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 26 بىراق، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 27 مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. 28 ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. 29 ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. 30 ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز. 31 بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ئۈچۈن، يەردىن تاش ئېلىشتى. 32 - ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. 33 - سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى، سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى خالايىق. 34 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى يەھۇدىي يېتەكچىلەرگە: «سىلەر ئىلاھلار» دېگىنى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ 35 مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ! 36 ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ 37 ئەگەر ئاتام بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلمىسام، ماڭا ئېتىقاد قىلماڭلار. 38 لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يېتىسىلەر. 39 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى. 40 ئاندىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن يەرگە كېتىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 41 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: - يەھيا پەيغەمبەر ھېچ مۆجىزە كۆرسەتمىگەن، لېكىن بۇ ئادەم توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقتى! - دېيىشتى. 42 شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti