يەرەمىيا 51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە قارشى ۋەيرانچىلىق شامىلىنى قوزغايمەن. 2 مەن بابىلنى خۇددى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇپ ۋەيران قىلىشقا ياللانما لەشكەرلەرنى ئەۋەتىمەن. ھالاكەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ. 3 بابىل ئوقياچىلىرىنىڭ ساۋۇتلىرىنى كىيگىلى، ئوقيالىرىنى ئاتقىلى قويماڭلار. ئۇنىڭ قىران يىگىتلىرىنىمۇ ھايات قالدۇرماڭلار! ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىڭلار. 4 بابىل لەشكەرلىرى ئېغىر يارىلىنىپ كوچىلاردا يىقىلىدۇ، ئۇلار ئۆز زېمىنىدا ئۆلىدۇ. 5 چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن. 6 ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن. 7 بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى. ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى. 8 لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار! ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار. 9 بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.› 10 يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى! كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›» 11 مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. 12 بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار! كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار! بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 13 ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ. ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى! 14 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن جەزمەن زېمىنىڭلارنى دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن تولدۇرىمەن. ئۇلار چېكەتكىلەردەك زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئولىشىپ، غەلىبە تەنتەنىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.›» مەدھىيە ناخشىسى 15 پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر. 16 ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ. 17 ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر. 18 بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر. 19 بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. بابىلنىڭ جازالىنىشى 20 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم، ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن. سەن ئارقىلىق ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم، پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم. 21 مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم. 22 سەن ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنى تارمار قىلدىم، قېرىلارنى، ياشلارنى تارمار قىلدىم، ئوغۇل-قىزلارنى تارمار قىلدىم، 23 مەن سەن ئارقىلىق پادىچىلارنى قوي پادىلىرى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم، دېھقانلارنى ئۆكۈزى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم، ۋالىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى تارمار قىلدىم. 24 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن. 25 ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن. 26 كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ. سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 27 دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن! بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن. ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن. يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن. بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن. 28 خەلقلەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋالىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە تەييارلانسۇن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. 29 دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ. 30 بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ، جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بابىلدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇلۇپ، دەرۋازىلىرى بۇزۇلىدۇ. 31 خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. 32 دەريانىڭ كېچىكلىرىنى بېسىۋالىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قومۇشلۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، بابىلنىڭ لەشكەرلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. 33 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ، بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.» 34 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى. ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ، قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى. 35 سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ. يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ. 36 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن. مەن بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن. مەن ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن. 37 بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. 38 بابىللىقلار ھۆركىرەۋاتقان شىرلارغا، ئوزۇق تالىشىدىغان شىر بالىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ. 39 ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ. 40 مەن قوزا، قوچقار، ئۆچكىلەرنى قۇشخانىغا ھەيدەپ كىرگەندەك، ئۇلارنى بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ بارىمەن. 41 ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ! پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 42 دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ. 43 بابىللىقلارنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىككە ۋە چۆل-جەزىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ، ھەتتا ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ. 44 مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! 45 ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار. 46 خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار. ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ، زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ. 47 شۇنداق ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن. ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى نومۇستا قالىدۇ، ھەممە يەرنى جەسەت قاپلايدۇ. 48 ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 49 بابىل خەلقى ئىسرائىل خەلقىمدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەللەرنى گۇمران قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلمۇ گۇمران بولىدۇ. 50 ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار، دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار! بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار. 51 سىلەر: ‹بىز نومۇسقا قالدۇق، ھاقارەت قىلىنىپ، كەمسىتىلدۇق، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇلغاندى› دەيسىلەر. 52 لېكىن مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: توغرا، بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ، شۇ چاغدا مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن. بابىلدىكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ نالە-پەريادلىرى پۈتكۈل زېمىنغا ئاڭلىنىدۇ. 53 مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.» 54 بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ. 55 پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ. 56 چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر. ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ. 57 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ. 58 بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 59 زىدقىيا پادىشاھنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەرەمىيا پەيغەمبەر ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سىراياغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ چاغدا سىرايا زىدقىيا پادىشاھ بىلەن بابىلغا بارماقچى ئىدى. سىرايا بولسا زىدقىيا پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارى ئىدى. 60 يەرەمىيا تېرىگە بابىلدا يۈز بېرىدىغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ۋە بابىل توغرىسىدىكى بارلىق بېشارەتلەرنى پۈتۈپ چىقتى. 61 ئاندىن يەرەمىيا سىراياغا مۇنداق دېدى: _ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ بېشارەتلەرنى خەلققە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگىن. 62 ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ. بۇ زېمىن مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.» دېگىن. 63 سەن بۇ ئورام يازمىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تاشقا باغلاپ، فىرات دەرياسىغا چۆكتۈرۈۋەتكىن. 64 شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن. يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti