يەرەمىيا 50 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىبابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي 1 پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل شەھىرى ۋە بابىللىقلار زېمىنى توغرىسىدا مۇنداق ۋەھىي كەلدى: 2 «بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.› 3 شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.» 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ. 5 ئۇلار سىئون تېغىغا بارىدىغان يولنى سوراپ، شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مەن بىلەن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئەھدە تۈزىدۇ. 6 خەلقىم يۈتۈپ كەتكەن قويلارغا ئوخشاپ قالدى، ئۇلارنى سەركىلىرى يولۇمدىن ئازدۇردى. ئۇلار تاغلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، تاغدىن تاغقا بېرىپ، چۆرگۈلەپ يۈرىدۇ، ئۇلار ئۆز ماكانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان. 7 ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى: ‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق. ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانىدى.› دەيدۇ. 8 ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار. 9 چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ، ئەكېلىمەن. ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ. ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر. 10 بابىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. ئولجا ئالغۇچىلار خالىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 11 ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار. 12 لېكىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتتىق ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ. سىلەر تۇغۇلغان بۇ زېمىن نومۇسقا قالىدۇ. بابىل بارلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ قۇرۇپ چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. 13 مەن ئۇنىڭغا غەزىپىمنى ياغدۇرغاندىن كېيىن، بابىل ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بابىلنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. 14 ئەي بارلىق ئوقياچىلار، بابىلنى قورشاۋغا ئېلىڭلار، ئوقيالىرىڭلارنى ئۇلارغا بەتلەپ، بىر تال ئوقۇڭلارنىمۇ ئاياپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇ مەن پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلغان. 15 ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار! 16 بابىلدا تېرىقچىلىق قىلىنمىسۇن، ھوسۇلمۇ يىغىلمىسۇن. زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بابىلغا يەرلىك بولمىغان كىشىلەر ئۆز ئېلىگە قېچىپ كەتسۇن، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن. 17 ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى. 18 شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى جازالىغاندەك، بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى جازالايمەن. 19 مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار كارمەل تېغى ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ، ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ. 20 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئادەملەر ئىسرائىلىيەدە گۇناھ ئىزدىسە، گۇناھ تېپىلمايدۇ، يەھۇدىيەدىمۇ ھېچقانداق گۇناھ تېپىلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇ يەردە ھايات قالدۇرغانلارنى كەچۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 21 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى بابىلنىڭ دۈشمەنلىرى، مىراتايىم زېمىنىغا ۋە پىقودتا ياشاۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، مېنىڭ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرۈڭلار! 22 جەڭ ئاۋازلىرى بابىل زېمىنىدا ئاڭلىنىپ، چوڭ بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ. 23 پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرۈڭلار! بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 24 ئى بابىل، مەن ساڭا بىر تۇزاق قۇردۇم، سەن بىلمەستىن بۇ تۇزاققا چۈشىسەن. سەن مەن پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىندىڭ. 25 قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك. 26 يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار! بابىلنى خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىڭلار! ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار! 27 ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.» 28 ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ. 29 «ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى. 30 شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 31 ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. يامان كۈنۈڭلار كەلدى، يەنى سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. 32 ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ. مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.» 33 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى زۇلۇمدا قالدى. ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلدى. 34 لېكىن ئۇلارنى كۈچلۈك بىرى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ چوقۇم ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تىنچ-ئامانلىق، بابىلنىڭ ئاھالىلىرىگە زۇلۇم ئېلىپ كېلىدۇ. 35 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ! ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ! 36 بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ. ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ. 37 بابىلنىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق ياللانما جەڭچىلىرىگە ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى قىلىچ بىلەن تالان-تاراج قىلىنىدۇ. 38 بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ! ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر، ئۇنىڭ خەلقى بۇلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازىدۇ. 39 شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار ۋە چىلبۆرىلەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. ھۇۋقۇشلار ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ. لېكىن ھېچكىم قايتا ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ئۇ يەردە مەڭگۈ ئادەمزات تۇرمايدۇ. 40 مەن سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ۋەيران قىلغاندەك، بابىلنى ۋەيران قىلىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 41 قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ ئەل كۆپ پادىشاھلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. 42 ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر- شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار سەپ تۈزۈشۈپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەي بابىل شەھىرى. 43 بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ. 44 ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، بابىل خەلقىنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟ 45 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن. 46 بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti