Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەرەمىيا 48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىي

1 بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ موئاب توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «نىبو شەھىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ ۋەيران قىلىنىدۇ. قىرياتائىم شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، نومۇسقا قالىدۇ. ئۇنىڭ قەلئەسى ئىزا-ئاھانەتكە قېلىپ، يەكسان قىلىنىدۇ.

2 كىشىلەر ئەمدى موئابنى مەدھىيەلىمەيدۇ. دۈشمەن خەشبوندا موئابنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار: ‹يۈرۈڭلار، بۇ ئەلنى ۋەيران قىلايلى!› دەيدۇ. ئەي مادمېن شەھىرى، سەنمۇ جىمىقتۇرۇلىسەن. قىلىچ سېنى ئىزدەيدۇ.

3 خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار. ئۇلار ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ.

4 موئاب ۋەيران قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى يىغلاپ زارلايدۇ.

5 ئۇلار لۇخىت شەھىرىگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ يىغلايدۇ. ئۇلار خورونايىم شەھىرىگە چۈشىدىغان يولدىمۇ بۇ ۋەيرانچىلىقتىن ئازابلىنىپ يىغلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ.

6 ئۇلار ‹قېچىڭلار! ھەتتا چۆلدىكى يېگانە چاتقالغا ئوخشاش قالساڭلارمۇ، قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.

7 موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن. بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

8 ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ. ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9 موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار. چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ! ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

10 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي، قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!

11 موئاب بۇرۇندىن تارتىپ بىخەتەر ياشاپ، سۈرگۈن قىلىنىپ باقمىغان. ئۇلار خۇددى ئىدىشتا ساقلانغان ئۈزۈم شارابىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئىدىشتىن ئىدىشقا يۆتكەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى يەنىلا شۇنداق ئېسىل، پۇراقلىرى ئۆزگەرمىگەن.

12 لېكىن مېنىڭ موئابقا قارشى ئادەملەرنى ئەۋەتىدىغان ۋاقتىم كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار موئابنى شارابنى تۆككەندەك تۆكۈپ، قۇرۇقدايدۇ ۋە ئىدىشلارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

13 موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

14 ئەي موئاب خەلقى، ئۆزۈڭلارنى قانداقمۇ ‹بىز قەھرىمان، يېڭىلمەس جەڭچىمىز› دېيەلەيسىلەر؟

15 موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

16 موئابنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئاز قالدى. بالايىئاپەت ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ.

17 موئابنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان، ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار، ‹موئابنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى يوقاپ كەتتى› دەڭلار.

18 ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ، قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار. چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

19 ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار. قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار.

20 ئۇلار: ‹موئاب مەغلۇپ بولۇپ، نومۇسقا قالدى، ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاڭلار، موئابنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا جاكارلاڭلار!› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

21 ئېگىزلىكتىكى شەھەرلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. خولون، ياھاز، مېفائات،

22 دىبون، نىبو ۋە بەيت-دىبلاتايىم،

23 قىرياتائىم، بەيت-گامۇل، بەيت-مىئون،

24 قىرىيوت ۋە بوزرا قاتارلىق شەھەرلەر مەيلى يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، موئابنىڭ ھەممە شەھەرلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.

25 موئابنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچ-قۇدرىتى تۈگەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

26 موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى، شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن! ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن.

27 ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.

28 ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.

29 موئابنىڭ ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇلار بەك مەغرۇرلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئىنتايىن تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ۋە كىبىرلىكتۇر، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ.

30 مەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ماختىنىشى پۈتۈنلەي بىھۇدىدۇر، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاساسى يوقتۇر.

31 شۇ سەۋەبتىن مەن موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن، پۈتۈن موئاب ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يىغلايمەن، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن قايغۇرىمەن.

32 يازېر شەھىرى سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرغانغا ئوخشاش، مەنمۇ سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ياش تۆكىمەن. سىبماھنىڭ ئۈزۈم تاللىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈك دېڭىز ۋە يازېر شەھىرىگىچە يېتىپ بارغانىدى. ۋەيران قىلغۇچىلار يازلىق مېۋىلىرىڭلارنى ۋە ئۈزۈملىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

33 شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ. مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ. بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.

34 بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.

35 مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

36 شۇ سەۋەبتىن قەلبىم مىسكىن چېلىنغان نەيدەك موئاب ئۈچۈن قايغۇردى. قەلبىم قىرخەرەس خەلقى ئۈچۈن مەرسىيە نەغمىسى چالغان نەيدەك ھەسرەت چەكتى. ئۇلارنىڭ توپلىغان بايلىقلىرى يوقاپ كەتتى.

37 كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەتتىن چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار قوللىرىنى تىلىپ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كىيىدۇ.

38 موئاب زېمىنىدىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە كوچىلاردىن ھازا ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. چۈنكى مەن موئابنى ناچار ئىدىشنى چاققاندەك، چاقىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

39 موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»

40 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەن خۇددى بۈركۈتتەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، موئاب ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ.

41 شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.

42 موئاب ۋەيران قىلىنىپ، قايتىدىن بىر ئەل بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى.

43 ئى موئاب پۇقرالىرى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ۋەھىمە، ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار سىلەرنى كۈتمەكتە!

44 ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر، ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر. چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

45 قاچقانلار خەشبون سېپىللىرىنىڭ سايىلىرىدا تۇرۇپ، ھالىدىن كېتىدۇ. پادىشاھ سىخوننىڭ قەدىمكى يۇرتى خەشبوندىن ئوت كۆتۈرۈلىدۇ. ئوت پۈتكۈل زېمىننى ئۇرۇشپەرەس خەلقى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىدۇ.

46 ئەي موئاب خەلقى، ھالىڭلارغا ۋاي! كىموشقا چوقۇنىدىغان خەلق، سىلەر تۈگەشتىڭلار! ئوغۇللىرىڭلار تۇتقۇن قىلىنىپ، قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

47 لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan