يەرەمىيا 46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 بۇ، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن باشقا ئەللەر توغرىسىدىكى ۋەھىيلەردۇر. مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىي 2 بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى: 3 «مىسىر سەركەردىلىرى ۋارقىراپ: ‹چوڭ-كىچىك قالقانلىرىڭلارنى تەييارلاپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار! 4 ئاتلىرىڭلارنى جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىپ، ھارۋىلىرىڭلارغا چىقىڭلار! دۇبۇلغىلارنى كىيىپ، سەپ تۈزۈپ تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى ئۇچلاپ ئۆتكۈر قىلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار!› دەيدۇ. 5 لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق! 6 ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. 7 كىم ئۇ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدەك كۆتۈرۈلۈپ، قىرغاقتىن تېشىۋاتقان؟ 8 ئۇ بولسا مىسىر، نىل دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى دەريا قىرغىقىدىن تاشقاندەك كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مىسىر مۇنداق دېگەن: ‹مەن كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيانى قاپلايمەن. شەھەرلەر ۋە ئۇلاردا ياشايدىغان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.› 9 ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار! 10 لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن. 11 ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر. 12 باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.» 13 پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئېيتتى: 14 «مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.› 15 بۇقا ئىلاھىڭلار ‹ئاپىس› نېمە ئۈچۈن يىقىلدى؟ ئۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇنى يىقىتىۋەتتىم. 16 مەن ياللانما لەشكەرلىرىڭلارنى ئۆزئارا پۇتلاشتۇرىمەن. ئۇلار تېز قاچماقچى بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! ئۆز ئادەملىرىمىز بار يەرگە، يۇرتىمىزغا قايتايلى، دۈشمەن قىلىچىدىن قاچايلى!› دەيدۇ. 17 ئاندىن يۇرتقا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار: ‹مىسىر پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن، ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ. 18 مەن پادىشاھ، قۇدرەتلىك سەردار، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، تاغلار ئارىسىدىكى تابور تېغىدەك مۇستەھكەم، دېڭىز بويىدىكى كارمەل تېغىدەك ھەيۋەتلىك بىرى كېلىدۇ. 19 ئى مىسىر خەلقى، نەرسىلىرىڭلارنى تەييارلاپ، سۈرگۈن قىلىنىشقا ھازىرلىنىڭلار. نوپ شەھىرى ۋەيران بولىدۇ. ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئادەمزاتسىز قالىدۇ. 20 مىسىر چىرايلىق بىر ياش كالىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بىر توپ قوشۇن شىمالدىن كېلىپ، قان شورىغۇچ كۆكۈيۈندەك، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. 21 مىسىرنىڭ ياللانما لەشكەرلىرى سېمىز موزايلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىللە قاچىدۇ، ئۆز ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئاپەت كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۇلارنى جازالايدىغان كۈن كەلدى! 22 دۈشمەنلەر كۈچلىنىپ ئىلگىرىلىگەندە، مىسىر يىلاندەك شىپپىدە قاچىدۇ. مىسىرلىقلار دەرەخلەرگە، دۈشمەن دەرەخ كەسكۈچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ، دۈشمەنلەر ئۇلارنى پالتا بىلەن چاپىدۇ. 23 مىسىرنىڭ ئاھالىسى كەڭ كەتكەن قويۇق بىر ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۈشمەنلەر ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدىغانلارنىڭ سانى چېكەتكىلەردىنمۇ كۆپتۇر، ئۇلار ساناقسىزدۇر. 24 مىسىر خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلار شىمالدىن كەلگەن خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.» 25 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوئامون شەھىرىنىڭ ئىلاھى ئاموننى جازالايمەن. مىسىر ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى، شۇنداقلا پىرئەۋنگە تايانغان بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن. 26 مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىگە، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مىسىردا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئادەم ياشايدۇ. 27 ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار. مەن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان يىراق زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قورقۇتمايدۇ. 28 ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti