Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەرەمىيا 45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانىڭ بارۇكقا ۋەدە بېرىشى

1 نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى:

2 _ ئەي بارۇك، ساڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

3 «سەن ‹ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا تېخىمۇ كۆپ قايغۇ قوشتى. يىغا-زاردىن ھالىمدىن كەتتىم، ئاراملىق تاپالمىدىم!› دەيسەن.

4 ئەمما پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بەرپا قىلغان نەرسىلىرىمنى بۇزۇپ، تېرىغان زىرائەتلىرىمنى يۇلۇپ تاشلايمەن. بۇ ئىشلارنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە قىلىمەن.

5 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىش قىلىشنى ئىزدەۋاتامسەن؟ ئىزدىمىگىن. چۈنكى مەن بارلىق ئىنسانغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. لېكىن سەن نەگىلا بارغىن، مەن سېنى ھايات قالدۇرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan