يەرەمىيا 43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئادەملەرنىڭ مىسىرغا كېتىشى 1 يەرەمىيا خەلققە، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارغا ئېيتىشنى بۇيرۇغان بارلىق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، 2 ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ يالغان سۆزلەۋاتىسەن! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى. 3 نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك سېنى بۇلارنى بىزگە ئېيتىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بىزنى بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ. 4 شۇنىڭ بىلەن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيە زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىدى. 5 ئەكسىچە، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى يەھۇدىيەدىكى ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن خەلقنى ئېلىپ مىسىرغا ماڭدى. ئۇلار ئەسلى باشقا جايلارغا تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىدى. 6 ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە يەھۇدىيە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللارنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شافاننىڭ نەۋرىسى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا قالدۇرغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ۋە نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكمۇ بار ئىدى. 7 ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، مىسىردىكى تاخپانخېس شەھىرىگە باردى. 8 تاخپانخېس شەھىرىدە پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: 9 _ تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ، پىرئەۋننىڭ تاخپانخېستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خىش يولنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغىن. يەھۇدىيە خەلقى بۇنى كۆرسۇن. 10 ئاندىن ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن خىزمەتكارىم بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن. مەن كۆمۈلگەن بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەختىنى قۇرىمەن. بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئۆز چېدىرىنى تىكىدۇ. 11 نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ. 12 نىبۇكادنەزەر مىسىر ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئولجا ئالىدۇ ۋە بۇتخانىلىرىغا ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى نەرسىلەرنى خۇددى پادىچى چاپىنىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك، ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ، ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدۇ. 13 ئۇ مىسىردىكى قۇياشقا ئاتالغان بۇتخانىغا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.›» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti