Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەرەمىيا 42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يەرەمىيانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

1 قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى.

2 ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.

3 پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز، ئۇ بىزگە نەگە بېرىشىمىز ۋە قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرسە.

4 يەرەمىيا پەيغەمبەر جاۋابەن: _ بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دېگىنىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېيتىمەن. سىلەردىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمەن، _ دېدى.

5 ئۇلار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولسۇن ۋە بىزنى جازالىسۇن.

6 بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ساڭا ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز. بىز سىزنى خۇدادىن شۇنى سوراشقا ئەۋەتىمىزكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز، _ دېدى.

7 ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى.

8 شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرىدىغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرىنى ھەمدە ھەممە تەبىقىدىكى كىشىلەرنى يىغدى.

9 ئاندىن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مېنى، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يېنىغا تەلەپلىرىڭلارنى ئېيتىشقا ئەۋەتتىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگار سىلەرگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

10 «ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم.

11 سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.

12 مەن ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشاشقا يول قويىدۇ.»

13 يەرەمىيا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ لېكىن سىلەر «بۇ زېمىندا تۇرمايمىز» دەپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار

14 ھەمدە «مىسىرغا كېتەيلى، ئۇ يەردە بىز ئۇرۇش كۆرمەيمىز، ئۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمايمىز ياكى ئاچارچىلىققا قالمايمىز، بىز ئۇ يەردە تۇرىمىز» دەيدىغان بولساڭلار،

15 ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى قارار قىلغان بولساڭلار،

16 سىلەر قورققان ئۇرۇشلارغا ئۇ يەردە، يەنى مىسىر زېمىنىدا يولۇقىسىلەر. سىلەر قورققان ئاچارچىلىق كەينىڭلاردىن ئەگىشىپ بارىدۇ. سىلەر مىسىردا ھالاك بولىسىلەر.

17 مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

18 چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»

19 يەرەمىيا ئۇلارنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يەھۇدىيەدە ھايات قالغانلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا بارماڭلار» دەيدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بۈگۈن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم!

20 سىلەر جانغا زامىن خاتالىق سادىر قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر مېنى «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا نېمە دېسە، بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە شۇنى قىلىمىز» دەپ مېنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن سوراشقا ئەۋەتتىڭلار.

21 مەن بۈگۈن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ماڭا سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئېيتقان ھېچقانداق سۆزىگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.

22 لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan