يەرەمىيا 41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگىداليانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى 1 شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، 2 نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 3 ئىسمائىل يەنە مىزپاھتا گىداليا بىلەن بىللە تۇرغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئۇ يەردىكى بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 4 گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالماي تۇرۇپ، ئەتىسى 5 سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى. 6 نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل مىزپاھتىن چىقىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۇ يالغاندىن يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: _ مەن بىلەن بىرگە ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىڭلار. 7 لېكىن ئۇلار شەھەرگە كىرگەن ھامان، نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتتى. 8 لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا: _ بىزنى ئۆلتۈرمە! بىز ساڭا ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى بېرەيلى، _ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى. 9 ئىسمائىل جەسەتلەرنى تاشلىۋەتكەن ھېلىقى سۇ ئامبىرىنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بۇرۇنقى چاغلاردا ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشانىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدانغان ۋاقتىدا قازدۇرغانىدى. ھازىر نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بۇ سۇ ئامبىرىنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. 10 ئاندىن ئىسمائىل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللار ۋە مىزپاھتا قالغان باشقا بارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئاممون زېمىنىغا قاراپ، قېچىپ كەتتى. قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان بۇ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرغانىدى. 11 نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا قوشۇن سەركەردىلىرى 12 قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوندىكى چوڭ كۆلىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. 13 ئىسمائىل تۇتقۇن قىلىۋالغان كىشىلەر قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قوشۇن سەركەردىلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. 14 ئىسمائىل مىزپاھتىن تۇتۇپ كەلگەن بارلىق كىشىلەر قېچىپ، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخاناننىڭ يېنىغا بېرىۋالدى. 15 لېكىن نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن بىرگە يوخاناندىن ئاممون زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. 16 ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. 17 ئۇلار مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار بەيتلەھەم شەھىرىنىڭ يېنىدىكى گېرۇت-كىمھام دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا توختىدى. 18 ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti