يەرەمىيا 39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىبۇكادنەزەرنىڭ يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشى 1 پادىشاھ زىدقىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئايدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلدى. 2 پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى. 3 ئاندىن بابىل پادىشاھىنىڭ بارلىق يۇقىرى ئەمەلدارلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سامگارلىق نېرگال-شارئەزەر، باش سەركەردە نىبۇ-سارسىكىم ۋە باش ئەمەلدار نېرگال-شارئەزەرلەر ۋە باشقىلار بار ئىدى. 4 يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 5 بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 6 بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. 7 ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 8 بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى. 9 ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 10 لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىغا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى. نىبۇكادنەزەرنىڭ يەرەمىيانى ئازاد قىلىشى 11 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادانغا يەرەمىيا توغرىسىدا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: 12 _ يەرەمىيانى تېپىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلما، بەلكى نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىپ بەر. 13 شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن نىبۇشازبان ۋە نېرگال-شارئەزەر ھەمدە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى 14 يەرەمىيانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇنى شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇردى. گىداليا ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە ياشىدى. 15 يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: 16 _ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرگە تەھدىت سېلىپ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن گۈللىنىش ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. سەن يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىسەن. 17 لېكىن ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەندە، سېنى قۇتقۇزىمەن. مەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى، سەن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايسەن. 18 مەن سېنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن. سەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti