يەرەمىيا 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىساداقەتسىز ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟ 2 ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى. 3 يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر. 4 ھازىر سىلەر يەنىلا ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ ئاتىمىز! ياشلىقىمىزدىن بۇيانقى دوستىمىزسەن. 5 سەن دائىم بىزدىن ئاچچىقلىنىپ يۈرەمسەن؟ سەن بىزگە مەڭگۈ غەزەپلىنەمسەن؟› دەيسىلەر. بىراق سىلەر ئۆزۈڭلار قىلالايدىغانلىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.» 6 يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى. 7 مەن، ئۇلار مۇشۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن، «مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنى كۆرۈپ تۇردى. 8 ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. 9 ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى. 10 شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! ئىسرائىل خەلقىنىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىلىشى 11 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ۋاپاسىز ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھى ساداقەتسىز يەھۇدىيەنىڭكىگە قارىغاندا يېنىكرەك. 12 سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن. 13 ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات بۇتلارغا بېغىشلاپ، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! 14 مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 15 مەن سىلەرگە ماڭا ساداقەتمەن يولباشچىلارنى بېرىمەن. ئۇلار سىلەرنى ئەقىل-پاراسەت ۋە ھېكمەت بىلەن يېتەكلەيدۇ. 16 ئاشۇ كۈنلەردە، زېمىندا سانىڭلار كۆپىيىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇ ۋاقىتلار كەلگەندە ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ ئەھدە ساندۇقۇمنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ. ئۇلار ئۇنى ئويلىمايدۇ، ئەسلىمەيدۇ، سېغىنمايدۇ ياكى باشقا بىرسىنى ياسىمايدۇ. 17 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ. 18 ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى زېمىنلاردىن مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا بىرلىكتە قايتىپ كېلىدۇ. 19 ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم: خۇرسەنلىك بىلەن سىلەرنى ‹ئوغلۇم› دەپ بىلىشنى خالايتتىم، جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم. مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم. 20 بىراق مەن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر ئۆز ئېرىنى تاشلاپ كەتكەن ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار. 21 تاقىر تاغلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز بۇتلىرىغا قىلغان نالە-پەريادلىرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق يوللىرىغا مېڭىپ، مېنى _ ھەقىقىي پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇپ قالغانىدى. 22 ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن. 23 تاغلاردا يالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سەنلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايسەن. 24 بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. 25 بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti