يەرەمىيا 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەرەمىيا ۋە بويۇنتۇرۇق 1 يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا 2 مۇنداق دېدى: _ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن. 3 ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن. 4 ئەلچىلەرنىڭ ئۆز پادىشاھلىرىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا پادىشاھلىرىڭلارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى ئەمر قىلدى: 5 مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. 6 مەن ھازىر بارلىق ئەللەرنى خىزمەتكارىم بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ھەتتا بارلىق ھايۋاناتلارنىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرىمەن. 7 كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ. 8 ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ. 9 شۇڭا ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ ياكى پالچىلىق، چۈش ئۆرۈش، ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سوراش ياكى سېھىرگەرلىك قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى مۆلچەرلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار. ئۇلار سىلەرگە دائىم: ‹سىلەرنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ ئېيتىدۇ. 10 ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرى يالغان. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش پەقەت ئۆز زېمىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن، سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر. 11 لېكىن ھەرقانداق بىر ئەل ئۆز بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بىلىپ يېتىپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، مەن ئۇ ئەلنى ئۆز زېمىنىدا قالدۇرۇپ، زىرائەت تېرىپ ياشىشىغا يول قويىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 12 ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار. 13 خەلقىڭلارنىڭ بىكاردىن ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟! بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغان ھەرقانداق ئەلنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 14 سىلەرگە «بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ سۆزلەۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس. ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىمدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساڭلار، مەن سىلەرنى ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان شۇ پەيغەمبەرلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ھەممىڭلار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.» 16 ئاندىن مەن يەرەمىيا روھانىيلار ۋە بارلىق خەلققە مۇنۇلارنى دېدىم: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئالتۇن بۇيۇملار پات يېقىندا بابىلدىن قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ› دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان! 17 ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماي، بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار داۋاملىق ھايات قالىسىلەر! شەھىرىڭلارنى نېمىشقا خارابىلىككە ئايلاندۇرىسىلەر؟» 18 مەن يەرەمىيا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي پەيغەمبەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا چىن دىلىدىن دۇئا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قېلىپ قالغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ بابىلغا ئېلىپ كېتەلمەسلىكىنى تىلىسۇن. 19 چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان تۈۋرۈكلەر، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ھارۋىلار ۋە بۇ شەھەردىكى بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى. 20 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇ، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى. 21 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئىبادەتخانا، يەھۇدىيە پادىشاھى ئوردىسى ۋە يېرۇسالېمدا قالغان قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: 22 «ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. تاكى مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچە، ئۇلار شۇ جايدا تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئۇلارنى يەنە يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti