يەرەمىيا 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەتمىش يىل تۇتقۇن بولۇش 1 يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان يىلى، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق پۇقرالىرى توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. 2 يەرەمىيا يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: 3 _ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار. 4 پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار. 5 پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۇلار ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، قىلىۋاتقان رەزىل ئىشلىرىڭلارنى توختىتىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا سىلەرنى ياشاشقا قويىمەن. 6 باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.» 7 لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار. 8 سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، 9 مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن. 10 مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ. 11 پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ. 12 لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 13 مەن بۇ زېمىنغا قارشى ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇ خەلقلەر توغرىسىدا يەرەمىيا ئارقىلىق يەتكۈزگەن، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن بارلىق ۋەھىيلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. 14 نۇرغۇن خەلقلەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قۇل قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.» خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان قەدەھ 15 پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا بىر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ قولۇمدىكى قەدەھنى ئالغىن، بۇ قەدەھ غەزىپىم شارابىغا تولغاندۇر. سېنى ئەۋەتىدىغان ئەللەرگە بۇ قەدەھتىكى شارابتىن ئىچكۈزگىن. 16 ئۇلار بۇ قەدەھتىكى شارابنى ئىچكەندە، دەلدەڭشىپ قالىدۇ، ئەقلىدىن ئازىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچىمەن. 17 شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇ مېنى ئەۋەتكەن ئەللەردىكى بارلىق خەلقلەرگە ئىچكۈزدۈم. 18 مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. 19 مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى، 20 مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار، 21 ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى، 22 تىرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، سىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرى، 23 دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر، 24 قۇملۇقلاردا ياشاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 25 زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 26 شىمالنىڭ يىراق-يېقىندىكى بارلىق پادىشاھلىرى ۋە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان باشقا بارلىق پادىشاھلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ شارابىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بابىل پادىشاھى ئىچىدۇ. 27 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›» 28 پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەگەر ئۇلار قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر چوقۇم ئىچىشىڭلار كېرەك! 29 قاراڭلار، مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىلغان بۇ شەھەرگە ئاللىقاچان بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى باشلىدىم. شۇڭا سىلەر قانداقمۇ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر! چۈنكى مەن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاۋاتىمەن. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›» 30 ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ، خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ. 31 ئۇرۇش ئاۋازلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقلەرنى سوراققا تارتىدۇ. ئۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، رەزىللەرنى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» 32 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە يامراۋاتىدۇ. كۈچلۈك بوران زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.» 33 شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ. 34 بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن! بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ. 35 بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرىگە يوشۇرۇنغۇدەك يەر قالمايدۇ. خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ! 36 سەركىلەرنىڭ يىغا-زارى ۋە يولباشچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. 37 تىنچ يايلاقلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدە ۋەيران بولىدۇ. 38 ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti