Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەرەمىيا 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياخشى ۋە يامان ئەنجۈر

1 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

2 بىر سېۋەتتىكىسى تۇنجى پىشقان ناھايىتى ياخشى ئەنجۈرلەر ئىدى. يەنە بىر سېۋەتتىكىسى ناھايىتى ناچار ئەنجۈرلەر بولۇپ، يېگىلىمۇ بولمايتتى.

3 پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

4 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

5 _ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: «ياخشى ئەنجۈرلەر مەن يەھۇدىيەدىن بابىل زېمىنىغا سۈرگۈن قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىمەن.

6 ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.

7 مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان قەلب ئاتا قىلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، شۇنداقلا مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. چۈنكى ئۇلار چىن يۈرىكى بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ.

8 لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.

9 مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ.

10 مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan