يەرەمىيا 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىكەلگۈسىگە ئۈمىد 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار خەلقىمنىڭ ۋەيران بولۇپ، چېچىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.» 2 شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 3 كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. 4 مەن ئۇلارغا ياخشى يول باشلايدىغان سەركىلەرنى تىكلەيمەن. ئاندىن ئۇلار ھەرگىزمۇ قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 5 مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ، شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى تىكلەيمەن. ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ، بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ. 6 ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ. 7 مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق ۋاقىتلار كېلىدۇ، كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: ‹ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار نامى بىلەن...› دېمەيدىغان بولىدۇ، 8 بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: ‹ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىدا ياشايدۇ.» ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سوراق قىلىنىشى 9 ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن مەن خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم. 10 بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى. 11 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدا رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 12 شۇڭا ئۇلارنىڭ يوللىرى تېيىلغاق بولىدۇ. ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قوغلىنىپ، شۇ يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. مەن بەلگىلەنگەن جازالىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» 13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار بائال ئىلاھىنىڭ نامىدا ۋەھىي يەتكۈزدى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى ئازدۇردى. 14 مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن. 15 شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ‹مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئازابلاپ، ئۇلارغا زەھەرلىك جازا سۈيىنى ئىچكۈزىمەن. چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانسىزلىقى بۇ زېمىنغا كەڭ تارقالدى.›» 16 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ. 17 ئۇلار دائىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارغا: ‹ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ!› دەيدۇ. ئۇلار قەلبلىرىدىكى جاھىل ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە: ‹سىلەر بالا-قازاغا ئۇچرىمايسىلەر!› دەيدۇ. 18 ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟ 19 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇندەك كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك قارا بورانغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 20 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىلەر. 21 بۇ پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم، لېكىن ئۇلار ھەممە يەردە قاتراپ يۈردى. مەن سۆزۈمنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدىم، لېكىن ئۇلار يەنىلا مېنىڭ نامىمنى سېتىپ ۋەھىي يەتكۈزۈشتى. 22 ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان بولسا ئىدى، مېنىڭ سۆزلىرىمنى خەلقىمگە جاكارلايتتى، خەلقىمنى يامان يوللىرىدىن ياندۇرۇپ، رەزىل ئىشلاردىن توسقان بولاتتى. 23 مەن بىر يەردىلا ئەمەس، ھەممە يەردە بار خۇدادۇرمەن. 24 مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟ 25 مېنىڭ نامىمنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ‹مەن بىر چۈش كۆردۈم. مەن بىر چۈش كۆردۈم...› دېيىشىۋاتىدۇ. 26 بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر قاچانغىچە ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرار؟ 27 ئۇلار ئۆزئارا تارقاتقان چۈشلىرى ئارقىلىق، خۇددى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بائالغا چوقۇنۇپ، مەن خۇدانى ئۇنتۇغاندەك، كىشىلەرگە ھازىرمۇ مېنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئويلايدۇ. 28 مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرىنى ئېيتىۋەرسۇن. ئەمما مېنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي يەتكۈزگۈچىلىرىم مېنىڭ ھەربىر سۆزۈمنى سادىقلىق بىلەن جاكارلىسۇن. پاخال بىلەن دان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار! 29 مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆزلىرىم ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ ھەم تاشلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغان بازغاندەك زەربە بېرىدۇ. 30 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر-بىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلارنى ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ جاكارلايدىغان بۇنداق پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. 31 مەن ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ ئۆزلىرى توقۇۋالغان سۆزلەرنى تارقىتىدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. 32 مەن ‹پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى› دەپ يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ھېچقاچان ئۇلارنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» 33 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بۇ پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار ياكى باشقا كىشىلەردىن بىرەرسى سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە نېمە يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈك! شۇڭلاشقا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەرگىن. 34 ئەگەر بىرەر ساختا پەيغەمبەر، روھانىي ياكى باشقا بىر كىشى: «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دەيدىكەن، مەن بۇنداق ئادەمنى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ جازالايمەن. 35 ئۇلار چوقۇم ئۆزئارا: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن. 36 ئۇلار «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دېگەن يالغان سۆزىنى توختاتسۇن. چۈنكى كىشىلەر شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىمەكچى. ئۇلار مەن خۇدانىڭ، يەنى مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىدى. 37 ھەممە ئادەم: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن. 38 لېكىن ئۇلار: «بۇ، پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىي!» دەپ جاۋاب بەرسە، سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ‹بۇ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىي!› دېيىشىڭلارنى توختات، دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولساممۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا شۇ سۆزنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، 39 سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ شەھەرنى سىلەر بىلەن قوشۇپ، كۆز ئالدىمدىن يوق قىلىمەن. 40 مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك ئۇياتقا ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ كېتەلمەيدىغان شەرمەندىچىلىككە قويىمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti