يەرەمىيا 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ زىدقىيانىڭ ئىلتىجاسىنى رەت قىلىشى 1 زىدقىيا پادىشاھ مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەندە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. پادىشاھ ئەۋەتكەن بۇ كىشىلەر يەرەمىيادىن: 2 _ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى. 3 يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ زىدقىيانىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار: 4 «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ھازىر بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سېپىللىرىڭلارنى قورشىۋېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىمەن، ھەتتا مەن دۈشمەنلىرىڭلارنى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگىچە ئېلىپ كىرىمەن. 5 مەن نەپرەت ۋە غەزەپ ئىچىدە قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ھەممىگە قادىر بىلىكىم بىلەن سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىمەن! 6 مەن بۇ شەھەرگە قورقۇنچلۇق كېسەللىك ئەۋەتىمەن، شەھەردىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ئۆلۈپ كېتىدۇ!› 7 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›» 8 بۇ سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈڭلار: «قاراڭلار، مەن پەرۋەردىگار ھايات-ماماتلىق يولىنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ئۆزۈڭلار تاللىۋېلىڭلار. 9 شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. 10 سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.» يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ جازالىنىشى 11 پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ جەمەتىگە بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! 12 ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. 13 ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. ‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ› دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. 14 مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti