يەرەمىيا 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىروھانىي پاشكۇرنىڭ يەرەمىياغا زىيانكەشلىك قىلىشى 1 ئىممېرنىڭ ئوغلى روھانىي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەرەمىيانىڭ نېمە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. 2 شۇڭا ئۇ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئۈستۈنكى بىنيامىن دەرۋازىسى»غا ئەكېلىپ، پۇتلىرىغا تاقاق سالدى. 3 ئەتىسى روھانىي پاشكۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتقاندا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ساڭا «پاشكۇر» ئەمەس، «ھەممە يەرلەردە ۋەھىمە باسىدۇ» دەپ ئىسىم قويىدۇ. 4 ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. 5 مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. 6 ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.» يەرەمىيانىڭ قاقشىشى 7 ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى ئالدىدىڭ، مەن سېنىڭ ئالدىشىڭغا يول قويدۇم. سەن مەندىن ئۈستۈن كېلىپ، مېنى يەڭدىڭ. ئادەملەر كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم مېنى مازاق قىلىدۇ. 8 ھەرقاچان ۋەھىيلىرىڭنى يەتكۈزگىنىمدە: ‹زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىق كېلىۋاتىدۇ!› دەپ پەرياد قىلىپ، ۋارقىرىشىم كېرەك. مەن سېنىڭ ۋەھىيلىرىڭنى جاكارلىغىنىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ، كەمسىتىلدىم. 9 ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن. 10 مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ. 11 لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. 12 ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن. دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم. 13 پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنى ماختاڭلار! چۈنكى ئۇ ئېزىلگەنلەرنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. 14 مەن تۇغۇلغان كۈنگە لەنەت بولسۇن! ئانام مېنى تۇغقان كۈن خەيرلىك كۈن بولمىسۇن. 15 دادامنى بەك خۇشال قىلىپ: ‹ئوغۇل كۆردىڭىز!› دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن ئادەمگە قارغىش بولسۇن. 16 ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن. ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن. 17 چۈنكى ئۇ مېنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈشى كېرەك ئىدى، شۇندىلا ئانامنىڭ قورسىقى مېنىڭ قەبرەم بولۇپ، ئۇ مەڭگۈ چوڭ تۇراتتى. 18 نېمە ئۈچۈن ئانامنىڭ قورسىقىدىن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندىمەن؟ پۈتۈن ھاياتىم جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازابقا تولدى، شۇنداقلا كۈنلىرىمنى ئىزا-ئاھانەتتە ئۆتكۈزدۈم.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti