Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەرەمىيا 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


چېقىلغان ئىدىشتىن ئېلىنغان ساۋاق

1 پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن.

2 «ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن:

3 «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.

4 بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى.

5 ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى! مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان!

6 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ!

7 مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.

8 مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

9 سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»

10 ئەي يەرەمىيا، سەن باشلاپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا، ئىدىشنى چېقىۋەت!

11 ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ.

12 مەن، پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئاشۇنداق جازالىماقچى. مەن بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن.

13 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»

14 ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى ۋەھىي يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن توفەت دېگەن جايدىن كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى:

15 «ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan