Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەرەمىيا 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بۇتپەرەسلىكنىڭ بىمەنىلىكى

1 ئەي ئىسرائىل خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار.

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «باشقا ئەللەرنىڭ بىمەنە ئېتىقاد يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. باشقا ئەللەر ئاسماندىكى غەيرىي بەلگىلەرنى كۆرۈپ، قورقۇنچقا چۈشسىمۇ، سىلەر بۇلارنى كۆرۈپ قايمۇقۇپ كەتمەڭلار!

3 چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ئېتىقاد يوللىرى ئەھمىيەتسىزدۇر. ئۇلار ئورمانلىقتىن بىر دەرەخنى كېسىدۇ، ھۈنەرۋەن ئەسۋاب ئارقىلىق ئۇنى بۇت قىلىپ ياسايدۇ.

4 ئۇنى كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن زىننەتلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بولقا ۋە مىخلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى چىڭىتىدۇ.

5 بۇنداق بۇتلار قوغۇنلۇقتىكى قارانچۇقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇلار ماڭالمايدۇ، شۇڭا باشقىلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكەيدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، سىلەرنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق قۇدرىتى يوق.»

6 مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن ئۇلۇغسەن، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىكتۇر.

7 ئى بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھى، بارلىق ئىنسانلار سەندىن ئەيمىنىشى كېرەك. چۈنكى سەن ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن. ئەللەرنىڭ ئىچىدىكى دانا كىشىلەر ياكى پادىشاھلار بولسۇن، ساڭا تەڭداش بولىدىغانلىرى يوقتۇر.

8 بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟

9 بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن، ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر. ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان.

10 پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

11 ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە جاكارلا: ‹بۇ بۇتلار ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتمىغان. ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!›

12 پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.

13 ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.

14 ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.

15 بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.

16 بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»


ئاپەتنىڭ يېتىپ كېلىشى

17 ئى يېرۇسالېم خەلقى، دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ تۆت ئەتراپىڭلارنى قورشىۋالغان. يۈك-تاقلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ زېمىندىن كېتىشكە تەييارلىنىڭلار.

18 چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى.

19 مەن ۋارقىراپ مۇنداق دېدىم: «ھالىمىزغا ۋاي، بىز يارىلاندۇق! جاراھەتلىرىمىز ئېغىر! بىز: ‹بۇ پەقەتلا بىر كېسەللىك، ئۇنىڭغا چىدىيالايمىز!› دەپ ئويلىغانىدۇق.

20 بىراق بىزنىڭ چېدىرلىرىمىز بۇزۇۋېتىلدى. ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىلار ئۈزۈلدى. بىزنىڭ بالىلىرىمىز كەتتى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. چېدىرلىرىمىزنى قايتا تىكلەپ، چېدىردىكى پەردىلەرنى ئاسىدىغان بىرمۇ ئادەم ھايات قالمىدى.

21 بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز ئەخمەقتۇر، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يېتەكلەشنى ئۆتۈنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، خەلقىمىز چېچىلىپ كەتتى.

22 ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ. شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»


يەرەمىيانىڭ دۇئاسى

23 ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟

24 ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭنى تەربىيەلىگىن، بىراق بىزگە غەزەپلەنگىنىڭدە، بىزنى بەك قاتتىق جازالىمىغايسەن، بولمىسا بىز تۈگىشىمىز.

25 ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan