Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سەردارلار 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئابىمەلەكنىڭ شەكەمگە پادىشاھ بولۇشى

1 يېرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە:

2 _ سىلەر شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرىغا: «ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يېرۇببائال، يەنى گىدئوننىڭ 70 ئوغلىنى خالامسىلەر ياكى بىر كىشىنىمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئابىمەلەكمۇ سىلەرنىڭ قان قېرىندىشىڭلار!» دەڭلار، _ دېدى.

3 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى ئابىمەلەك ئۈچۈن شەكەمنىڭ پۈتۈن ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلدى. ئاقساقاللار: «ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز» دەپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئابىمەلەككە ئەگىشىشنى قارار قىلدى.

4 ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى.

5 ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يېرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنىۋېلىپ قېچىپ كەتتى.

6 شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


يوتەمنىڭ تەمسىلى

7 بۇ خەۋەر يوتەمگە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ: _ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ.

8 بۇرۇنقى زاماندا دەرەخلەر ئۆزلىرىگە پادىشاھ ئىزدەپ، زەيتۇن دەرىخىگە: «بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ.

9 لېكىن زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە شەرەپ بېرىدىغان يېغىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

10 ئاندىن دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ.

11 بىراق ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئۆزۈمنىڭ تاتلىق ۋە ياخشى مېۋىلىرىمنى تاشلاپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

12 شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم كۆچىتىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ.

13 بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

14 ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق دەرەخلەر يانتاققا: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ.

15 يانتاق ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ قىلماقچى بولساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەم ئاستىدا پاناھلىنىڭلار. ئۇنداق بولمىسا، مەن يانتاقتىن ئوت چىقىپ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي» دەپتۇ.

16 يوتەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ سىلەر سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغان بولساڭلار، ياكى سىلەر يېرۇببائالغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ساداقەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، سىلەر يېرۇببائالنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا لايىق جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىڭلارغۇ!

17 ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.

18 بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ 70 ئوغلىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈردۈڭلار ھەمدە ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك تۇغقىنىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى شەكەم خەلقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىڭلار.

19 ئەگەر سىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يېرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئابىمەلەك سىلەردىن، سىلەرمۇ ھەم ئابىمەلەكتىن ئۆزئارا خۇشاللىق تاپقايسىلەر.

20 ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي. خۇددى شۇنىڭدەك شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىدىنمۇ ئوت چىقىپ ئابىمەلەكنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي، _ دېدى.

21 شۇنىڭدىن كېيىن، يوتەم ئاكىسى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى ۋە بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ ياشىدى.


شەكەملىكلەرنىڭ ئابىمەلەكتىن يۈز ئۆرۈشى

22 ئابىمەلەك ئىسرائىللارغا ئۈچ يىل ھۆكۈمران بولدى.

23 خۇدا ئابىمەلەك ۋە شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان يامان روھنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەككە ساتقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى.

24 خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى.

25 شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەكنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تاغلارغا بۆكتۈرمە قويۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ سۇيىقەستتىن ئابىمەلەك خەۋەر تاپتى.

26 ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەم شەھىرىگە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

27 ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ئېزىپ شاراب چىقىرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ-ئىچىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى.

28 ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال ئۇلارغا: _ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن، بىز شەكەملىكلەرنى ئۆز خىزمىتىگە سالغۇدەك؟ ئۇ دېگەن يېرۇببائالنىڭ ئوغلىغۇ؟ زىبۇلمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى خالاس! شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ ئەۋلادلىرىغا خىزمەت قىلىڭلار! نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟

29 ئەگەر مۇشۇ كىشىلەر مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا، مەن ئابىمەلەكنى يوقاتقان بولاتتىم! مەن ئۇنىڭغا: «قوشۇنۇڭنى چاقىرىپ چىق!» دېگەن بولاتتىم، _ دېدى.

30 شەھەر باشلىقى بولغان زىبۇل ئەبىدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى.

31 ئۇ ئابىمەلەككە مەخپىي خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەم شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار شەھەر خەلقىنى ساڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ.

32 شۇڭا سەن قوشۇنلىرىڭ بىلەن كېچىلەپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە يېتىڭلار.

33 تاڭ سەھەر كۈن چىقىشى بىلەنلا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گائال ۋە ساڭا قارشى چىققانلارغا خالىغىنىڭچە زەربە بەرگىن!» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

34 شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كېچىلەپ شەكەم شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ بۆكتۈرمىدە ياتتى.

35 ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەمدىن چىقىپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغاندا، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يوشۇرۇنىۋالغان جايدىن چىقتى.

36 گائال ئۇلارنى كۆرۈپ زىبۇلغا: _ قارا! تاغلاردىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، _ دېدى. زىبۇل ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەقەت تاغلاردىكى سايىلەر، قارىماققا ئادەمگە ئوخشايدۇ، _ دېدى.

37 بىراق گائال يەنە ئۇنىڭغا: _ ياق، ئادەملەر تاغدىن چۈشۈۋاتىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەم «پالچىلار دۇپ دەرىخى» يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

38 بۇ چاغدا زىبۇل ئۇنىڭغا: _ ماختانچاق ئاغزىڭ قېنى؟ سەن: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن؟ بىز نېمىشقا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟» دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ بۇ ئادەملەر سەن زاڭلىق قىلغان ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىل! _ دېدى.

39 شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەم ئاقساقاللىرىنى باشلاپ ئابىمەلەك بىلەن ئۇرۇش قىلدى.

40 ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى قوغلىدى، گائالنىڭ ئادەملىرى قېچىپ شەھەر دەرۋازىسىغا بارغۇچە نۇرغۇنلىرى قىرىلىپ كەتتى.

41 شۇنىڭدىن كېيىن ئابىمەلەك ئارۇماغا قايتىپ، ئۇ يەردە تۇردى. زىبۇل گائال ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى شەكەمدە تۇرغىلى قويماي، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتى.

42 ئەتىسى شەكەملىكلەر ئېتىزلىرىغا چىقماقچى بولغاندا، ئابىمەلەك بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ،

43 قوشۇنىنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەشكەرلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدى.

44 ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ توپىدىكىلەر شەھەر دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىنى توستى. قالغان ئىككى توپمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىقتىكى شەكەملىكلەرنى قىرىپ تاشلىدى.

45 شۇ كۈنى ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شەكەم شەھىرىنى قولغا چۈشۈردى. شەھەردىكى خەلقنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرنى تۈزلەپ، تۇز چېچىۋەتتى.

46 شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان خەلق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بائال-بىرىت بۇتخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىۋالدى.

47 ئابىمەلەك ئۇلارنىڭ شۇ يەرگە يىغىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ،

48 قوشۇنلىرىنى زالمون تېغىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ پالتا بىلەن بىر دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ، شاخنى مۈرىسىگە ئېلىپ، لەشكەرلىرىگە: «تېز، مەن قىلغاندەك قىلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى.

49 شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرمۇ ھەربىرى بىردىن دەرەخ شېخىنى كېسىپ، ئابىمەلەككە ئەگەشتى. ئۇلار دەرەخ شاخلىرىنى بۇتخانا تېمىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان پۈتۈن خەلق، يەنى ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ، مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى.

50 ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك تىبېز شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇنى ئىگىلىدى.

51 لېكىن شەھەر ئىچىدە بىر مۇستەھكەم قەلئە بار ئىدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئاقساقاللار قەلئەگە قېچىپ كىرىپ، دەرۋازىنى تاقاپ، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇنار ئۈستىگە چىقىۋالدى.

52 ئابىمەلەك قەلئەگە ھۇجۇم قىلدى. قەلئەنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا،

53 قەلئە ئۈستىدىكى بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا تاشلاپ ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى.

54 جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

55 ئابىمەلەكنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتتى.

56 شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قىلغان يامانلىقلىرىنى، يەنى 70 قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگىنىنى ئۆزىگە قايتۇردى.

57 خۇدا يەنە شەكەملىكلەر قىلغان بارلىق يامانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈردى. يېرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتەمنىڭ ئوقۇغان لەنىتى ئەمەلگە ئاشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan