سەردارلار 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمىديانلارنىڭ ئىسرائىللارنى بېسىۋېلىشى 1 ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. 2 مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى. 3 ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. 4 ئۇلار جەنۇبتىكى گازا شەھىرىگىچە بولغان جايلاردا چېدىر تىكىپ، بۇ زېمىندىكى زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋېتەتتى. ھەمدە پۈتۈن قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى بۇلاپ، ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقانداق ئوزۇق-تۈلۈك قويمايتتى. 5 ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى خاراب قىلىۋېتەتتى. 6-7 ئىسرائىللار مىديانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلدى. 8 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. 9 سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە ئېلىپ بەردىم. 10 مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار». گىدئوننىڭ سەردارلىققا تاللىنىشى 11 كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى. 12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: _ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى. 13 گىدئون ئۇنىڭغا: _ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئەمدى نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى. 14 پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ: _ سەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى. 15 _ تەقسىر، مەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز جەمەتىگە تەئەللۇقمەن. ئىسرائىللارنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس كىشىمەن، _ دېدى گىدئون. 16 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى. 17 گىدئون: _ ئەگەر ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولىدىغان ئادەم مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز. 18 مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسىز، _ دېدى. _ سەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلايمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار. 19 شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئوغلاقنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردى ۋە يېرىم خالتا ئۇندا پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە، شورپىسىنى ساپال ئىدىشقا ئېلىپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى. 20 خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ گۆش بىلەن پېتىر ناننى بۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى ئۈستىگە تۆككىن، _ دېدى، گىدئون شۇنداق قىلدى. 21 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزاتقانىدى، ھاسىنىڭ ئۇچى گۆش بىلەن نانغا تېگىشى بىلەنلا تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن نان كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ كۆزدىن غايىب بولدى. 22 گىدئون ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ئەمدى مەن تۈگەشتىم، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپتىمەن ئەمەسمۇ! _ دېدى. 23 پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى. 24 گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم [مەنىسى «پەرۋەردىگار _ ئامانلىق»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن يېرىدە تۇرماقتا. 25 ئۇ كۈنى كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ سەن ئاتاڭنىڭ يەتتە ياشلىق بۇقىسىنى، يەنى ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭ ئىلاھ بائالغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى كېسىپ يىقىتىۋەت. 26 ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى. 27 شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكارلىرىدىن ئون كىشىنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، كېچىسى قىلدى. 28 ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇقىنىڭ يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. 29 ئۇلار ئۆزئارا: _ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە: _ بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون قىلىپتۇ-دە، _ دېيىشتى. 30 شەھەر ئاھالىلىرى يوئاشقا: _ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! ئۇ بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى كېسىپ يىقىتىۋېتىپتۇ، _ دېدى. 31 يوئاش ئۆزىنى ئەيىبلىگەن خالايىققا: _ سىلەر بائال ئۈچۈن تاكاللىشىپ، ئۇنى قوغداپ قالماقچىمۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكاللاشسا تاڭ ئاتماي تۇرۇپ ئۇ ئۆلىدۇ. ئەگەر بائال راستتىنلا ئىلاھ بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىۋەتكەن كىشىنى ھالاك قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. 32 بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسى چېقىپ تاشلانغاندىن باشلاپ، كىشىلەر گىدئوننى «يېرۇببائال» دەپ ئاتاشتى. بۇ «بائال ئەدىپىنى بەرسۇن!» دېگەن مەنىدە ئىدى. 33 ئۇ چاغدا مىديانلار ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە چېدىرلىرىنى تىكىشتى. 34 پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى. 35 ئۇ ماناسسە زېمىنىغىمۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ھەمدە ئاشېر، زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىگىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گىدئوننىڭ قېشىغا كېلىشتى. گىدئوننىڭ گۇمان قىلىشى 36 شۇنىڭ بىلەن گىدئون خۇداغا: _ ئەگەر سەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى راستتىنلا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولساڭ، 37 ئۇنداقتا مەن خامانغا قوينىڭ يۇڭىنى يېيىپ قوياي. ئەگەر سەھەردە پەقەت قوي يۇڭىنىڭ ئۈستىدىلا شەبنەم بولۇپ، يەردە شەبنەم بولمىسا، سېنى ھەقىقەتەن مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىللارنى قۇتقۇزماقچى بولۇپتۇ دەپ بىلەي، _ دېدى. 38 ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى. گىدئون ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ، قوي يۇڭىنى سىقىۋىدى، بىر چىنە شەبنەم سۈيى چىقتى. 39 گىدئون خۇداغا يەنە: _ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي يۇڭى بىلەن يەنە بىر سىناپ باقاي. بۇ قېتىم قوي يۇڭى قۇرۇق تۇرسۇن، يەرگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى. 40 ئۇ كېچە خۇدا شۇنداق قىلدى. دەرۋەقە، ئەتىسى سەھەردە قوي يۇڭى قۇرۇق ئىدى، يەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti