سەردارلار 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىبورا بىلەن باراقنىڭ مەدھىيەسى 1 ئۇ كۈنى دىبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق بۇ مەدھىيەنى ئوقۇدى: 2 «سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا، خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا، ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا! 3 ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ھۆكۈمرانلار، قۇلاق سېلىڭلار! نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن. 4 ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار. 5 تاغلار سىلكىندى سىناي تېغىدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا. 6 يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا، ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا. 7 مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە. 8 ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا. نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا، قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا. 9 قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىللارنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىللارنىڭ پىدائىيلىرىغا. ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا! 10 ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار ئويلاڭلار. 11 ئاڭلاڭلار قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى. 12 ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت! 13 يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى، چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى. 14 خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى، ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى، ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى، سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى. 15 ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى دىبورا بىلەن بىرگە كەلدى، باراقمۇ ئىسساكارلار بىلەن بىرگە كەلدى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلار تېزلا تۈزلەڭلىككە چۈشتى، ئەمما ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى بىر قارارغا كېلەلمىدى. 16 نېمىشقا ئولتۇرىسىلەر گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا؟ يا ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ قويچىلارنىڭ ئىسقىرتقىنىنى قويلارغا؟ شۇنداق، ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى كېلەلمىدى بىر قارارغا. 17 گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟ قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟ 18 لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى. 19 جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى، كېلىپ مىگىددو سۇلىرى بويىدىكى تاناكقا، لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈش ئولجىغا. 20 جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن، ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن. 21 ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى، ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن. دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا. 22 توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى. 23 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.› 24 قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل، ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا. 25 سۇ سورىسا سىسىرا، سۈت بەرگەن يائېل، شاھانە چىنىدە سۈزمە سۇنغان يائېل. 26 سول قولىغا ئېلىپ قوزۇقىنى چېدىرنىڭ، ئوڭ قولىدا كۆتۈرۈپ توقمىقىنى ھۈنەرۋەننىڭ، كۈچەپ ئۇرۇپ پاتۇردى بېشىغا سىسىرانىڭ، قوزۇقنى يەرگە قاقتى چېكىسىدىن ئۇنىڭ. 27 سوزۇلۇپ ياتتى يەردە سىسىرا، ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا، جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا! 28 سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا، ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا. نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق: ‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟ نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟› 29 ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى، ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق: 30 ‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر، تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار، ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر، ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.› 31 ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti