Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سەردارلار 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


كەنئان زېمىندا قېلىپ قالغان خەلقلەر

1-2 پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم خەلقلەرنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى.

3 بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.

4 پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەرنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا چۈشۈرگەن ئەمرلەرگە بويسۇنىدىغان-بويسۇنمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.

5 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ئارىسىدا ياشىدى.

6 ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.


ئوتنىئېلنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

7 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، ئىلاھ بائال ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.

8 شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناھارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى.

9 كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى.

10 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەچكە، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ سەردارى بولۇپ جەڭگە چىقتى. پەرۋەردىگار ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى غەلىبە قازاندۇردى.

11 شۇڭا بۇ زېمىن تاكى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالەمدىن ئۆتكىچە 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.


ئېھۇدنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

12 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى كۈچلەندۈردى.

13 ئەگلون ئاممونلار ۋە ئامالەكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانى ئىگىلىدى.

14 ئىسرائىللار موئاب پادىشاھى ئەگلونغا 18 يىل قۇل بولدى.

15 كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-سېلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.

16 ئېھۇد ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا قوش بىسلىق بىر خەنجەر سوقتۇرۇپ، ئۇنى ئوڭ يانپېشىغا ئېسىپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ،

17 ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ، موئاب پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا باردى. ئەگلون ناھايىتى سېمىز ئادەم ئىدى.

18-19 ئېھۇد ئالۋان-سېلىقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن گىلگال شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تاش ھەيكەللەر بار جايغا باردى ۋە بۇ كىشىلەرنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ، يەنە ئۆزى يالغۇز ئەگلوننىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: _ ئالىيلىرىغا ئېيتىدىغان بىر مەخپىي ئىش بار ئىدى، _ دېدى. پادىشاھ ئېھۇدقا: _ جىم! _ دېدى. خىزمەتكارلار تاشقىرىغا چىقىپ كېتىشتى.

20 بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن ھۇجرىسىدا يالغۇز قالدى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ: _ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى.

21 ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى.

22 خەنجەر سېپى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ سېمىز قورسىقىغا كىرىپ كەتكەچكە، ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ چىقتى. ئېھۇد پادىشاھنىڭ قورسىقىدىن خەنجەرنى تارتىۋالمايلا،

23 ئۆگزىدىكى ھۇجرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئىشىكنى تاقاپ قويدى.

24 ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياساۋۇللار كېلىپ ئىشىكنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇلار پادىشاھ تەرەت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.

25 ئۇلار پادىشاھنىڭ ئۇزۇنغىچە ئىشىكنى ئاچمىغانلىقىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئاخىر ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، پادىشاھىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى.

26 ياساۋۇللار سىرتتا كۈتۈپ تۇرغاندا، ئېھۇد قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ تاش ھەيكەللەر بار جايدىن ئۆتۈپ،

27 ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە

28 ئۇلارغا: _ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى. ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلەپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى.

29 ئۇ كۈنى ئۇلار موئابنىڭ ئون مىڭچە خىللانغان، كۈچلۈك لەشكەرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتى.

30 شۇ كۈنى ئىسرائىللار موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىن 80 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.


شامگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

31 ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan