Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سەردارلار 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە جازا يۈرۈش قىلىشى

1 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.

2 ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە 400 مىڭ ئادەم قىلىچ بىلەن قوراللىنىپ، رەتمۇرەت تىزىلىپ، خۇدانىڭ جامائىتى بولۇپ ھازىر بولدى

3 (باشقا قەبىلىلەرنىڭ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى). ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن: _ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى.

4 توقىلى ئۆلتۈرۈلگەن ھېلىقى لاۋىي مۇنداق دېدى: _ مەن توقىلىم بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھقا كەلدۇق ۋە كېچىدە شۇ يەردە قونۇپ قالماقچى بولدۇق.

5 كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ خوتۇنۇمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى.

6 شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىگە تەقسىم قىلىنغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى.

7 ئىسرائىل خەلقى بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىرنېمە دەڭلار.

8 شۇنىڭ بىلەن خەلق بىردەك: _ ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا قايتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە يانمىسۇن.

9 چەك تاشلاپ گىبئاھقا قارشى قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بېكىتەيلى.

10 بىز ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەر يۈز ئادەمدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ياكى ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ، قوشۇننى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە قويىمىز. قوشۇنىمىز بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھقا يېتىپ بارغاندا، گىبئاھلىقلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا قىلغان نومۇسسىزلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمىز، _ دېيىشتى.

11 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بىر گەۋدە بولۇپ، بىرلىكتە گىبئاھقا قوشۇن تارتىشتى.

12 ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ: _ سىلەر قانداقسىگە مۇشۇنداق قەبىھ ئىش قىلدىڭلار؟

13 سىلەر ھازىر گىبئاھتىكى ھېلىقى ئۆكتەملەرنى بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار. بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدىن رەزىللىكنى يوقىتايلى، _ دېيىشتى. بىنيامىنلار ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ سۆزىگە كۆنمەي،

14 ئەكسىچە، ئۇلار ئۆز شەھەرلىرىدىن گىبئاھقا كېلىپ، ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشتى.

15 گىبئاھقا توپلانغان بىنيامىنلاردىن 26 مىڭ قىلىچلىق لەشكەر ۋە گىبئاھلىق بىنيامىنلاردىن خىللانغان 700 لەشكەر سەپكە تىزىلغانىدى.

16 لەشكەرلەر ئارىسىدا يەنە تاللانغان 700 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار سولخاي ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى سالغا بىلەن تاش ئاتسا نىشانغا تەگمەي قالمايتتى.

17 ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىنلارنى ھېسابلىمىغاندا، جەڭ قىلىشقا ماھىر 400 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى بار ئىدى.

18 ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.

19 ئىسرائىللار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گىبئاھقا يېقىن جايدا بارگاھ قۇرۇشتى.

20 ئىسرائىللار بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىنىڭ ئالدىدا جەڭ سېپى تۈزۈشتى.

21 بىنيامىنلار گىبئاھتىن چىقىپ 22 مىڭ ئىسرائىلنى ئۆلتۈردى.

22 ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى.

23 ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.

24 شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى.

25 ئۇ كۈنى بىنيامىنلارمۇ گىبئاھتىن چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. ئۇلار ئىسرائىللاردىن 18 مىڭ قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى.

26 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.

27 (ئۇ چاغلاردا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ،

28 ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى). ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.

29 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى.

30 ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئالدىنقى ئىككى كۈنگە ئوخشاش گىبئاھنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈشتى.

31 ئۇلار بىنيامىنلارنى شەھەردىن ئالداپ چىقىرىشتى. بىنيامىنلار ئاۋۋالقىغا ئوخشاش بەيتەلگە بارىدىغان يول بىلەن گىبئاھقا بارىدىغان يولدا ۋە دالادا جەڭ باشلاپ، ئىسرائىللاردىن ئوتتۇزدەك ئادەمنى ئۆلتۈردى.

32 بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى. ئىسرائىللار: _ بىز قاچقان بولۇپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى.

33 شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشتى. بۆكتۈرمىدە ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى.

34 ئىسرائىللاردىن خىللانغان 10 مىڭ لەشكەر گىبئاھقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىنيامىنلار ئۆزلىرىگە بالا-قازانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.

35 پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا يوقاتتى، يەنى ئىسرائىللار شۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن 25,100 قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى.

36 شۇنداق قىلىپ بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى.

37 شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى.

38 ئىسرائىللار بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، بەلگە بېرىشكە كېلىشىۋالغانىدى.

39 ئۇلار بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، چېكىنىشتىن توختاپ، ئارقىغا يېنىپ جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى. ئىسرائىللار قاچقان قىياپەتكە كىرىۋالغان چاغدا، بىنيامىنلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇزدەك ئادىمىنى ئۆلتۈردى. بىنيامىنلار: «ئۇلارنى جەزمەن بۇرۇنقىدەك مەغلۇپ قىلىمىز» دەپ ئويلىغانىدى.

40 لېكىن بىنيامىنلار ئارقىسىغا قاراپ پۈتۈن شەھەردىن قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.

41 بۇ چاغدا ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، بېشىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇشتى.

42 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى.

43 ئىسرائىللار بىنيامىنلارنى قورشاپ، ئۇلارنى توختىماستىن قوغلاپ گىبئاھنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە يوقاتتى.

44 شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلارنىڭ 18 مىڭ پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.

45 قالغان ئادەملەر چۆلدىكى رىممون قىيا تېشى تەرەپكە قاراپ قاچتى. يول بويى ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يەنە 5 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. كېيىن ئۇلار گىدئومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ 2 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.

46 شۇ كۈنى بىنيامىنلارنىڭ 25 مىڭ قىلىچلىق پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.

47 قالغان 600 ئادىمى چۆلدىكى رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى.

48 ئىسرائىللار بىنيامىنلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى ۋە مال-چارۋىلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ، شەھەرلەرنى ۋە ئۇچرىغان باشقا نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan