سەردارلار 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىلاۋىيلاردىن بولغان بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ توقىلى 1 ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى. 2 بىراق ئۇنىڭ توقىلى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئېرىنى تاشلاپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. 3 بۇ لاۋىي بىر چاكار بىلەن ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، توقىلى ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. 4 قېيىنئاتىسى ئۇنى ئۈچ كۈن تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچىپ، تۇرۇپ قالدى. 5 تۆتىنچى كۈنى بولغاندا، ئۇلار ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى كۈيۈئوغلىغا: _ ئازراق ناشتا قىلىپ، قورسىقىڭلارنى تويدۇرۇپ مېڭىڭلار، _ دېدى. 6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ غىزالاندى. قېيىنئاتىسى كۈيۈئوغلىغا يەنە: _ بۈگۈنمۇ تۇرۇپ قېلىپ، مۇشۇ يەردە كۆڭلۈڭلارنى خۇش قىلىڭلار، _ دېدى. 7 كۈيۈئوغلى ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، قېيىنئاتىسى ئۇنى زورلاپ تۇتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە بىر كېچە قونۇپ قالدى. 8 بەشىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى: _ تاماق يەپ چۈشتىن كېيىن مېڭىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماققا تۇرۇپ قالدى. 9 لاۋىي توقىلىنى ئېلىپ چاكىرى بىلەن مېڭىشقا تەمشەلگەندە، قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا يەنە: _ قاراڭلار، كەچ بولاي دەپ قالدى، كۈنمۇ ئولتۇراي دېدى، بۈگۈن قونۇپ قېلىڭلار. مۇشۇ يەردە كۆڭۈل ئىچىپ، ئەتە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، يولغا چىقىڭلار، _ دېدى. 10 بۇ قېتىم ئۇ ئۇنىماي، توقىلىنى ئېلىپ ئىككى ئېشىكى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار مېڭىپ يىبۇس، يەنى يېرۇسالېمغا يېقىن كېلىپ قالدى. 11 كۈن ئولتۇراي دەپ قالغانىدى. چاكىرى ئۇنىڭغا: _ بىز بۈگۈن مۇشۇ يىبۇسلارنىڭ شەھىرىگە كىرىپ قونايلى، _ دېدى. 12 خوجايىنى ئۇنىڭغا: _ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى. 13 ئۇ چاكىرىغا يەنە: _ بىز گىبئاھ ياكى راماھ شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزەيلى، _ دېدى. 14 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھ شەھىرىگە يېقىن قالغاندا كۈنمۇ ئولتۇردى. 15 ئۇلار بۇ شەھەردە قونۇش ئۈچۈن شەھەر بازىرىغا باردى، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 16 كەچ كىرگەنىدى، بىر بوۋاي ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بوۋاي ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن كېلىپ، گىبئاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئىدى. 17 بوۋاي بۇ يولۇچىلارنىڭ بازاردا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: _ نەگە ماڭدىڭلار؟ قەيەردىن بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. 18 لاۋىي جاۋاب بېرىپ: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىگە كېتىپ بارىمىز، بىز شۇ يەرلىك. مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمگە بېرىپ، ئۆيگە قايتىۋاتقانىدىم. ئەمما ھېچكىم بىزنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 19 بىزنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىمىز ۋە ئېشىكىمىزگە بېرىدىغان يەم-خەشىكىمىز بار. كەمىنىلىرى بىلەن توقىلىم ۋە چاكىرىمنىڭمۇ يەتكۈدەك نېنى ۋە شارابى بار، بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، _ دېدى. 20 بوۋاي: _ سىرتتا قونماڭلار! ئۆيگە مەرھەمەت، مەن ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالاي، _ دېدى. 21 شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېشىكىگە يەم بەردى. ئۇلار پۇتلىرىنى يۇيغاندىن كېيىن، بىرلىكتە غىزالاندى. 22 ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا، شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. 23 بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن. 24 مېنىڭ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزىم بار، يەنە ئۇ ئادەمنىڭ توقىلىمۇ بار. ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى قانداق ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى. ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. بىراق بۇ ئەر بىلەن ئۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلماڭلار، _ دېدى. 25 بىراق ئۇلار بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىقى لاۋىي توقىلىنى ئۇلارغا ئېلىپ چىقىپ بەردى. ئۇلار كېچىچە ئۇ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، دەپسەندە قىلدى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئاندىن ئۇ ئايالنى قويۇپ بەردى. 26 ئۇ ئايال تاڭ ئاتقاندا ئۆزلىرىنى قوندۇرۇپ قالغان بوۋاينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ، سەھەرگىچە شۇ يەردە ياتتى. 27 ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئېرى يولغا چىقماقچى بولۇپ، دەرۋازىنى ئېچىپ، توقىلىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بوسۇغا ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. 28 ئۇ توقىلىغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭايلى، _ دېدى. ئەمما خوتۇنىدىن سادا چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر توقىلىنى ئېشەككە ئارتىپ يولغا چىقتى. 29 ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قولىغا پىچاقنى ئېلىپ، توقىلىنى چاناپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلاپ، ئۇنى ئىسرائىللار زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئەۋەتىپ، ئىبرەت قىلدى. 30 بۇ ئىشنى كۆرگەنلەر: _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن بېرى بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان ھەم ھېچكىم بۇنداق بىر ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ، قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشەيلى، _ دېيىشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti