Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سەردارلار 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


دان قەبىلىسىنىڭ بۇتلار ۋە ياش روھانىينى ئېلىپ كېتىشى

1 ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئىسرائىللاردىن بولغان دان قەبىلىسى ماكانلىشىدىغان زېمىن ئىزدەپ يۈرەتتى. چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، دان قەبىلىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن زېمىنغا تېخى ئىگە بولمىغانىدى.

2 شۇڭا دان قەبىلىسى ئۆز قەبىلىسىگە ۋەكىل قىلىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن بەش پالۋاننى تاللىدى ھەمدە: «بېرىپ زېمىنلارنى چارلاپ كېلىڭلار!» دەپ، ئۇلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا كېلىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشتى.

3 ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىدە ياش لاۋىينىڭ شېۋىسىدىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

4 بۇ ياش لاۋىي ئۇلارغا مىكاھنىڭ ئۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا خاس روھانىي بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

5 ئۇلار: _ سەن خۇدادىن سوراپ باقساڭ، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدىكىن، _ دېدى.

6 ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى.

7 شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش پالۋان يولغا چىقىپ، لايىشقا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىدونلۇقلارغا ئوخشاش خاتىرجەم، تىنچ-ئامان ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇلارغا زومىگەرلىك قىلىدىغان دۈشمەن يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز دوستلىرى بولغان سىدونلۇقلاردىن يىراقتا ياشايتتى ھەم ئەتراپىدىكى باشقا خەلقلەر بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلمايتتى.

8 بەش پالۋان ئۆز قەبىلىسى تۇرىدىغان زورئاھ ۋە ئەشتائولغا قايتىپ كەلگەندە، قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: _ نېمىلەرنى كۆردۈڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

9 _ يۈرۈڭلار، بىز ئۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلايلى! ئۇ زېمىنلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن. بىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قانداقمۇ جىم تۇرالايمىز؟ ئىككىلەنمەي بېرىپ ئۇ يەرلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى.

10 سىلەر ئۇ يەرگە بارساڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشى پاراۋان ياشاۋاتقان خەلقنى كۆرىسىلەر. خۇدا بىزگە بىپايان، مۇنبەت بولغان بۇ زېمىننى بېرىدۇ! _ دېدى ئۇلار.

11 شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىن 600 ئادەم قوراللىنىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن يولغا چىقتى.

12 ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى قىريات-يىئارىمغا بېرىپ، ئۇ يەردە قارارگاھ قۇردى. شۇ سەۋەبتىن قىريات-يىئارىمنىڭ غەربىدىكى شۇ يەرلەر تېخىچە «دان قارارگاھى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

13 ئۇلار يول ئۈستىدە ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

14 لايىش زېمىنىغا چارلاشقا بېرىپ كەلگەن بەش پالۋان ئۆز قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ ئۆيدە روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىشىڭلار.

15 شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەش پالۋان ياش لاۋىي تۇرىدىغان مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى.

16-17 بۇ ۋاقىتتا دان قەبىلىسىنىڭ قوراللانغان 600 ئادىمى ئىشىك ئالدىدا روھانىي ياش لاۋىينى ئارىغا ئېلىۋالدى. دەل شۇ چاغدا ھېلىقى بەش چارلىغۇچى پالۋان ئۆيگە كىرىپ، ئۆيدىكى روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدى.

18 ياش روھانىي ئۇلارنىڭ مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىدى.

19 ئۇلار جاۋابەن: _ ئاغزىڭنى يۇم، ئۈنۈڭنى چىقارما! بىز بىلەن ماڭ، بىزگە ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە روھانىي بولغىنىڭدىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن بىر قەبىلىسىگە روھانىي بولغىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

20 روھانىي ئىچىدە خۇشال بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى ئېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى.

21 ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، بالا-چاقىلىرى ۋە چارۋا-ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى.

22 ئۇلار مىكاھنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، مىكاھ بىلەن قوشنىلىرى يىغىلىپ، دان قەبىلىسىدىكىلەرنى قوغلاپ يېتىشۋالدى ۋە

23 ئۇلارغا ۋارقىرىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىكاھتىن: _ سەن بۇنچە كۆپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

24 _ سىلەر روھانىيىم ۋە مەن ياساتقان بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدىڭلار، مېنىڭ نېمەم قالدى؟ يەنە مەندىن «نېمە قىلماقچىسەن» دەپ سوراۋاتامسىلەر؟ _ دېدى مىكاھ.

25 _ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر.

26 شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇردى. مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

27 دان قەبىلىسىدىكىلەر مىكاھ ياسىغان بۇتلارنى ۋە روھانىي ياش لاۋىينى ئېلىپ، لايىشقا كەلدى. ئۇلار لايىشتا تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.

28 ئۇلارنى ھېچكىم قۇتقۇزمىدى، چۈنكى لايىش سىدوندىن يىراق ئىدى، ئۇلار ھەم ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. بۇ شەھەر بەيت-رىخوب شەھىرى ئەتراپىدىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۇ يەردە ياشاپ قالدى.

29 ئۇلار بۇ شەھەرنى ئىسرائىللارنىڭ ئوغلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان داننىڭ نامى بىلەن «دان شەھىرى» دەپ ئاتىدى. بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لايىش ئىدى.

30 دان قەبىلىسىدىكىلەر ھېلىقى ئويما بۇتنى تىكلىدى. ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغۇچە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دان قەبىلىسىگە روھانىي بولۇپ كەلدى.

31 خۇدانىڭ ئىبادەتگاھى شىلو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دان قەبىلىسى مىكاھ ياسىغان بۇتنى تىكلىگەنىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan