سەردارلار 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمىكاھنىڭ بۇتلىرى 1 ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 2 ئۇ ئانىسىغا: _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن سىزدىن ئوغرىلىۋالغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى. 3 شۇنىڭ بىلەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. مىكاھنىڭ ئانىسى: _ مەن بۇ كۈمۈشلەرنى چىن دىلىمدىن ئوغلۇم ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن ساڭا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ بېرەي، _ دېدى. 4 مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇلارنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى. 5 شۇنىڭ بىلەن مىكاھنىڭ بىر بۇتخانىسى بار بولدى. مىكاھ يەنە روھانىيلىق پەرتۇقى ۋە كىچىك بۇتلارنى ياسىتىپ، ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 6 ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى. 7 يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى. 8 ئۇ يىگىت باشقا ماكان تېپىش ئۈچۈن بەيتلەھەمدىن ئايرىلىپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالدى. 9 مىكاھ ئۇنىڭدىن: _ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلدىم، لاۋىي قەبىلىسىدىن بولىمەن. ياشاش ئۈچۈن ماكان ئىزدەپ يۈرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت. 10 مىكاھ ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، كىيىم-كېچىكىڭ ۋە يېمەك-ئىچمىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى. 11-12 ياش لاۋىي ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. مىكاھ ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 13 مىكاھ: _ بىلىپ يەتتىمكى، پەرۋەردىگار ئەمدى ئىشلىرىمغا بەرىكەت بېرىدۇ، چۈنكى مەن لاۋىيلاردىن بىرىنى ئۆزۈمگە روھانىي قىلدىم، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti