Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سەردارلار 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى.

2 گازالىقلار شىمشوننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، كېچىچە شەھەر دەرۋازىسىدا شىمشوننى ساقلاپ تىۋىش چىقارماي، بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇلار كېچىچە كۈتۈپ، «تاڭ ئېتىشى بىلەنلا شىمشوننى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشتى.

3 لېكىن شىمشون يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى كېشىكى بىلەنلا قومۇرۇپ، بالداقلىرى بىلەن بىرگە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، ھىبرون شەھىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.


شىمشون بىلەن دىلەيلا

4 كېيىن، شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى.

5 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ بويسۇندۇرۇپ باغلىيالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ، ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى.

6 شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا شىمشوندىن: _ سىزنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىڭىزنىڭ سىرىنى ۋە قانداق قىلغاندا سىزنى بويسۇندۇرۇپ باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز، _ دېدى.

7 شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر تېخى قۇرۇمىغان يەتتە تال يېڭى ئوقيا كىرىچى بىلەن مېنى باغلىسا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

8 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى دىلەيلاغا يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيانىڭ كىرىچىنى ئەكېلىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ ئوقيا كىرىچى بىلەن شىمشوننى باغلىدى.

9 بۇ چاغدا ئادەملەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرغانىدى، دىلەيلا شىمشونغا قاراپ: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون شۇ ھامان ئوقيا كىرىچىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، ئوقيا كىرىچى خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلدى. شۇنداق قىلىپ شىمشوننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ھېچكىم بىلەلمىدى.

10 دىلەيلا ئۇنىڭغا: _ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز، _ دېدى.

11 شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن مېنى قاتتىق باغلىسا، مەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

12 شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا ئەكېلىپ شىمشوننى باغلاپ، ئۇنىڭغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى. شىمشون ئارغامچىلارنى خۇددى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى.

13 دىلەيلا يەنە شىمشونغا: _ سىز يەنىلا مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىمنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويساڭلا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

14 شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلاپ قالغاندا، دىلەيلا ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، ئۇنى شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويدى. ئاندىن شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، دەستىگاھتا يىپقا قوشۇپ توقۇۋېتىلگەن چېچىنى، دەستىگاھ ۋە شىنانى يۇلۇپ ئېلىۋەتتى.

15 دىلەيلا شىمشونغا: _ سىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە: «سېنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز؟ سىز مېنى ئۈچ قېتىم ئالدىدىڭىز، ماڭا سىزدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى.

16 دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى.

17 ئاخىرى شىمشون ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى: _ چۈنكى مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغان بولغاچقا، ھازىرغىچە چېچىمنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ چېچىم ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن.

18 شىمشون دىلەيلاغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، دىلەيلا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە: _ ئەمدى كېلىڭلار، ئۇ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى، _ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

19 دىلەيلا شىمشوننى تىزىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئادەم چاقىرىپ كېلىپ، شىمشوننىڭ يەتتە ئۆرۈم چېچىنى تىغ بىلەن چۈشۈرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلدى، دىلەيلا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى.

20 ئۇ شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

21 فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.

22 ئەمما ئۇنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلىدى.


شىمشوننىڭ ئۆلۈمى

23 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى.

24 پۇقرالارمۇ شىمشوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلاھىغا مەدھىيە ئوقۇپ: «بىزنىڭ ئىلاھىمىز زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى تۇتۇپ بەردى» دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

25 ئۇلار قاتتىق خۇشال بولۇشقان ھالدا: _ شىمشوننى ئەكېلىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ، كۆڭۈل ئاچايلى، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى بۇتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.

26 شىمشون ئۆزىنى يېتىلەپ كەلگەن يىگىتكە: _ مېنى بۇتخانىنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇراي، _ دېدى.

27 بۇ چاغدا بۇتخانىغا ئەرلەر ۋە ئاياللار لىق تولغان بولۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئىدى. بۇتخانىنىڭ ئۆگزىسىگە ئۈچ مىڭچە ئەر ۋە ئاياللار چىقىۋالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ شىمشوننىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتاتتى.

28 شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.

29 شۇنىڭ بىلەن شىمشون بۇتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تېرەپ تۇرۇپ،

30 «مەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىللە ئۆلەي!» دېدى-دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈۋرۈكنى ئۆرۈپ تاشلىدى. بۇتخانىنىڭ ئۆگزىسى بەگلەر ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆلىدىغان چاغدىمۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆلتۈرگەن ئادەملەردىنمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى ئۆلتۈردى.

31 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، زورئاھ شەھىرى بىلەن ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسى مانوۋاخ دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىشتى. ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل سەردار بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan