سەردارلار 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيىفتاھنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى 1 گىلئادلىق يىفتاھ بىر باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ گىلئادنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى پاھىشە ئىدى. 2 گىلئادنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، يىفتاھنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى. 3 شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئۆكتەملەر توپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 4 بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاممونلار ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 5 ئاممونلار ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، گىلئادلىق ئاقساقاللار توب زېمىنىدا ياشاۋاتقان يىفتاھنىڭ ئالدىغا باردى. 6 ئۇلار يىفتاھقا: _ بىز ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى. سەن قايتىپ كېلىپ، بىزگە سەركەردە بولغىن، _ دېدى. 7 ئەمما يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللارغا: _ مەندىن نەپرەتلەنگەن، مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغانلار سىلەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بېشىڭلارغا كۈن چۈشۈپ، مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا، مېنى ئىزدەپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دېدى. 8 گىلئادلىق ئاقساقاللار مۇنداق دېدى: _ بولار ئىش بولدى. بىز سېنىڭ ئالدىڭغا، بىزگە باش بولۇپ، ئاممونلارغا قارشى جەڭ قىلسىكەن، دەپ كەلدۇق. 9 يىفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر مەن سىلەرگە باش بولۇپ، ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلسام، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرسە، سىلەر راستتىنلا مېنى ئۆزۈڭلارغا باش قىلامسىلەر؟ _ دېدى. 10 ئۇلار: _ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى. 11 شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللار بىلەن بىرگە گىلئادقا قايتتى. خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە باش ۋە سەركەردە قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدە گىلئادلىق ئاقساقاللارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. 12 ئاندىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. 13 ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ ئەلچىسىدىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ ئىسرائىللار مىسىردىن كېلىپ، مېنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شىمالدىكى ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىمنى بېسىۋالدى. ھازىر ئۇنى ماڭا تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىڭلار. 14 يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، 15 مۇنداق دېدى: «ئىسرائىللار ھېچقاچان موئابلار ياكى ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالمىدى. 16 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزغىچە بولغان چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، كادېش شەھىرىگە كەلدى. 17 ئاندىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: ‹زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويساڭلار› دېدى. ئەمما ئىدوم پادىشاھى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار يەنە موئاب پادىشاھىغىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇمۇ بۇنىڭغا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كادېشتا ياشاپ قادى. 18 ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىدى، چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى. 19 ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ خەشبون شەھىرىدىكى پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ‹زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈپ، بارىدىغان يېرىمىزگە بېرىۋېلىشىمىزغا يول قويساڭلار› دېدى. 20 ئەمما پادىشاھ سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىدى. شۇڭا پادىشاھ سىخون ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، ياھاز شەھىرىدە بارگاھ قۇرۇپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 21 ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا پادىشاھ سىخون بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئامورلارنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولدى. 22 ئۇلار ئامورلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوق دەرياسىغىچە ۋە چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. 23 ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئامورلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ زېمىننى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەرگەن تۇرسا، بۇ زېمىن قانداقسىگە سىلەرنىڭ بولىدۇ؟ 24 سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلاھىڭلار بولغان كىموش سىلەرگە بەرگەن زېمىنغا ئىگە بولۇڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولايلى! 25 سىلەر موئابلارنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلىپ باققانمىدى؟ 26 ئىسرائىللار خەشبون شەھىرى، ئارئور شەھىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى، ئارنون دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى 300 يىل ئىگىلەپ ياتتى. شۇ مەزگىلدە سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللاردىن قايتۇرىۋالمىدىڭلار؟ 27 مەن سىلەرگە قارشى ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدىم، ئەمما سىلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ، ناتوغرا ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بۈگۈن ئاممونلار بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئالەمنىڭ ھۆكۈمدارى پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن.» 28 ئەمما ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. يىفتاھنىڭ نادانلارچە قەسەم قىلىشى 29 پەرۋەردىگارنىڭ روھى يىفتاھنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلئاد ۋە ماناسسە زېمىنىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد زېمىنىدىكى مىزپاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىن ئاممونلارغا ھۇجۇمغا ئۆتتى. 30 ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر ئاممونلارنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، 31 غەلىبە قىلىپ قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمدىن چىققان تۇنجى تىرىك جاننى ساڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، _ دېدى. 32 شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ ئىسرائىللارنى باشلاپ، ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ئاممونلارنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 33 ئارئور شەھىرىدىن مىننىت شەھىرىگىچە ۋە مىننىت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى، شۇنداقلا ئابېل-كىرامىم شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 20 شەھەرنى ۋەيران قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلدى. 34 يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى. 35 يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى. 36 قىزى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئاتا، سەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغان ئىكەنسەن، مېنى شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭ بولغان ئاممونلاردىن ئۆچۈڭنى ئېلىپ بەردى. 37 ئەمما مېنىڭ بىر تەلىپىمگە ماقۇل بولغىن. ماڭا ئىككى ئاي ۋاقىت بەرگىن، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ئىپپەتلىك قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ كېلەي، _ دېدى. 38 دادىسى: _ بوپتۇ، بارغىن، _ دەپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق رۇخسەت بېرىپ يولغا سالدى. قىز ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە تاغقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ قىز پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى. 39 ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. يىفتاھ قىزىنى ۋەدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. يىفتاھنىڭ قىزى ھېچقانداق ئەر زاتىغا يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللاردا مۇنداق بىر ئادەت شەكىللەندى: 40 ھەر يىلى ئىسرائىللارنىڭ قىزلىرى گىلئادلىق يىفتاھنىڭ قىزىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆت كۈن ماتەم تۇتىدىغان بولدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti