Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سەردارلار 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىللارنىڭ كەنئان زېمىنىنى داۋاملىق ئىگىلىشى

1 يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.

2 پەرۋەردىگار جاۋابەن: _ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

3-4 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە: _ كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن زېمىنغا بىرگە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە بېرىلگەن زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.

5 يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى ئۇ يەردە كەنئانلار ۋە پەرىززىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان ئادونى-بەزەق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.

6 ئادونى-بەزەق قاچقاندا، ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى.

7 ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.

8 يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.

9 كەينىدىنلا ئۇلار تاغلىق رايوندا، جەنۇبىي چۆللۈكتە، غەربىي ئېدىرلىق

10 ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.

11 يەھۇدا قەبىلىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

12 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

13 ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى.

14 بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

15 ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.

16 مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

17 يەھۇدا قەبىلىسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسى بىلەن بىرگە زىفات شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇ شەھەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى. ئۇ جايغا خورماھ [مەنىسى «ھالاكەت»] دەپ ئىسىم قويدى.

18 يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىگىلىدى.

19 پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىگىلىيەلىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى.

20 مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى.

21 لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.

22-23 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتكەنىدى.

24 ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا: _ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.

25 ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى.

26 كېيىن ئۇ كىشى خىتلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇ شەھەرگە «لۇز» دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.


ئىسرائىل قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان خەلقلەر

27 ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، يىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى.

28 ئىسرائىللار كۈچەيگەن ۋاقتىدا كەنئانلىقلارنى ئۆزلىرىگە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى.

29 ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىدى.

30 زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى.

31 ئاشېر قەبىلىسىمۇ ئاككو، سىدون، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلباھ، ئافىق ۋە رىخوب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى.

32 ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىرگە ياشىدى.

33 نافتالى قەبىلىسىمۇ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىرگە ياشىدى، لېكىن ئۇلارنى قۇل قىلدى.

34 دان قەبىلىسى ئامورلار تەرىپىدىن تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋېتىلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە كەلتۈرۈلمىدى.

35 ئامورلار ئاييالون، شائالبىم، شەھەرلىرىدە ۋە خەرەس تاغلىق رايونىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. لېكىن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى كۈچىيىپ، ئۇلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.

36 ئامورلارنىڭ چېگراسى چايان داۋىنىدىن باشلىنىپ، سەلا دېگەن يەردىن يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan