Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ياقۇپ يازغان خەت 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بايلارنى ئاگاھلاندۇرۇش

1 ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىپ يىغلاڭلار.

2 بايلىقىڭلار چىرىپ كېتىدۇ، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كېتىدۇ،

3 ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا ھامان دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە شەخسىيەتچىلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ، دوزاختا كۆيۈشۈڭلارغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر.

4 سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.

5 سىلەر بۇ دۇنيادا باياشات ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغانغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر.

6 سىلەرگە قارشى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار.


سەۋر-تاقەت ۋە دۇئا

7-8 شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا قايتا كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇرلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتا كېلىشىگە ئاز قالدى.

9 قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

10 خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قانداق سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.

11 بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.

12 قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار! ئاسمان، زېمىن ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار. جاۋابىڭلار تۈزلا «ھەئە» ياكى «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايسىلەر.

13 ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.

14 ئاغرىق-سىلاقلار بار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن. ئۇلار رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن بۇ ئاغرىقلارنىڭ بېشىغا ياغ سۈركەپ دۇئا قىلسۇن.

15 رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

16 شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.

17 ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيىدە يامغۇر ياغماسلىق ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈچ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى.

18 كېيىن، قايتا يامغۇر يېغىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى، يامغۇر يېغىپ، يەرمۇ ھوسۇل بەردى.

19 قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا ھەقىقەتتىن چەتنىگەن كىشى بولسا، ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە تىرىشىڭلار.

20 شۇنى بىلىڭلاركى، گۇناھكار كىشىنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادەم شۇ كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan