Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ياقۇپ يازغان خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بۇ دۇنيانى دوست تۇتماسلىق

1 ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟

2 سىلەر ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسىلەر. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىڭلارغا ئېرىشەلمەي، جېدەل-ماجىرا چىقىرىسىلەر. سىلەر خۇدادىن تىلىمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئېرىشەلمەيسىلەر.

3 تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر.

4 ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.

5 مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟

6 يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.

7 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ.

8 خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.

9 قىلغان گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار.

10 خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.


قېرىنداشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىق

11 قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت.

12 پەقەت خۇدالا قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، قۇتقۇزۇش ۋە ھالاك قىلىش پەقەت خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا سىلەرنىڭ نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟!


ماختانماسلىق

13 بەزىلەر: «بۈگۈن ياكى ئەتە پالان شەھەرگە بارىمىز. ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىمىز، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپىمىز» دەيدۇ. بۇنداق دەيدىغانلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،

14 ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.

15 شۇنىڭ ئۈچۈن، «خۇدا بۇيرۇسا، ئۆلمىسەكلا، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دەڭلار.

16 بىراق، ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پىلانىڭلاردىن مەغرۇرلۇق بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.

17 ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلار گۇناھ قىلغان بولىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan