Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ياقۇپ يازغان خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


تىلنى تىزگىنلەش

1 قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ھەممىڭلارلا تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار! سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ.

2 ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ

3 بىز ئاتلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خالىغان يېرىمىزگە ماڭدۇرالايمىز.

4 يەنە مەسىلەن، كېمە شۇنچىلىك چوڭ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ كۈچلۈك بوران ئۇنىڭغا شۇنچە قاتتىق ئۇرۇلسىمۇ، لېكىن رولچى كىچىككىنە رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان يېرىگە ھەيدىيەلەيدۇ.

5 شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل تېنىمىزنىڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئىشلارغا سەۋەب بولالايدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت قويۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار.

6 تىل دەل شۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئەزالىرىمىز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغىيالايدۇ. بۇ ئوت دوزاخ ئوتىدىن يېقىلسا، ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.

7 ئىنسانلار ياۋايى ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە سۇ مەخلۇقاتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن تىزگىنلىدى.

8 ئەمما تىلنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. تىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان بىر ئوسال نەرسە بولۇپ، ئۇ خۇددى جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە ئوخشايدۇ.

9 بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيىلەيمىز، يەنە شۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆز ئوبرازىغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز.

10 دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە، ھەم لەنەت چىقىدۇ. قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك!

11 بىر بۇلاقتىن شەربەتمۇ، زەرداپمۇ چىقامدۇ؟

12 قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ. شەربەت بۇلىقىدىن زەرداپمۇ چىقمايدۇ.


خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت

13 ئاراڭلاردا كىم ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن.

14 لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.

15 بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەپەككۈرىگە خاس بولغان بۇنداق «ئەقىل-پاراسەت» خۇدادىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن كەلگەن.

16 ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ.

17 لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.

18 تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى ئالىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan