ياقۇپ يازغان خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئايرىمىچىلىق قىلماسلىق 1 قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار. 2 سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە، 3 سىلەر باي كىشىگە «تۆرگە چىقسىلا!»، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «تۆۋەندە ئولتۇر!» دېسەڭلار، 4 سىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمايدىغان مۇئامىلەڭلار نىيىتىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟ 5 قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى. 6 بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟ 7 سىلەر مەنسۇپ بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالىيجاناب نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟ 8 مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9 لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. 10 ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 11 خۇدا: «زىنا قىلما» دېگەن ھەم «قاتىللىق قىلما»~مۇ دېگەن. شۇڭا، ئەگەر سىلەر زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن تەڭ بولىسىلەر. 12 سىلەر سىلەرنى گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىسىلەر. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولسۇن. 13 چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت 14 قېرىنداشلىرىم! ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟ 15-16 ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى ئاچ-يالىڭاچ قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول!» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 17 شۇڭا، پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ، ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. 18 لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. 19 سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. 20 ئەي نادان! ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 21 خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ۋە بۇ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 22 دېمەك، ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ماس كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئېتىقادى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تولۇقلاندى. 23 بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى. 24 بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. 25 بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 26 روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti