ياقۇپ يازغان خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام. ئېتىقاد ۋە سىناق 2 قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار. 3 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. 4 شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. 5 ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 6 بىراق، ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانماي، تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش، شامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدۇ. 7-8 بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا بىقارار ۋە تۇراقسىز كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئادەم خۇدادىن تىلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىمەن، دەپ ئويلىمىسۇن. نامراتلىق ۋە بايلىق 9-10 نامرات ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولسۇن. باي ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى كەمتەر تۇتقۇزغانلىقىدىن خۇشال بولسۇن. چۈنكى ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى خۇددى ياۋا ئوت-چۆپلەردىكى چېچەكلەردەك تېز ئاخىرلىشىدۇ. 11 كۈن قىزىغاندا بۇ ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ، ئۇنىڭ چېچەكلىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش 12 سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 13 ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەن ئادەم «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئازدۇرۇلمايدۇ ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. 14 كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ. 15 بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 16 شۇڭا قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! 17 ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس. 18 خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق. ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش 19 قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. 20 چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 21 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار. 22 خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. 23 خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىغان كىشى خۇددى ئەينەككە قاراپ، يۈزىگە قارا سۈرتۈلگەنلىكىنى كۆرسىمۇ، ئۇنى سۈرتۈۋەتمىگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. 24 بۇنداق كىشى ئەينەكتىن يىراقلاشسىلا، ئۆز ئەپتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 25 گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان مۇكەممەل قانۇننى داۋاملىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەنگۈچى ئاڭلىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلسا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. 26 ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر. 27 خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti