يەشايا 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىكەلگۈسىدىكى پادىشاھ 1 لېكىن ئەمدى بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندىچىلىكتە قويغانىدى. بىراق كېيىنچە، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەرلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيەگىچە شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ. 2 قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. 3 ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش. 4 بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن، يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن. 5 لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ. 6 بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ. 7 ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ! پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى 8 پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارشى بىر ھۆكۈم چۈشۈردى، ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىللارغا يېتىپ كەلدى. 9 شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇنىڭ پايتەختى سامارىيەدە ياشايدىغان بارلىق خەلق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ مۇنداق دېدى: 10 «خام كېسەكتىن ياسالغان ئۆيلىرىمىز ئۆرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىز ئۇنى سىلىقلانغان تاشتىن قايتىدىن ياسىۋالىمىز. ئەنجۇر دەرەخلىرىمىز كېسىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا كېدىر دەرەخلىرىنى تىكىۋالالايمىز.» 11 بىراق پەرۋەردىگار رىزىن پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىللارغا قارشى ئەۋەتىدۇ، ئىسرائىللارنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ. 12 شەرقتە سۈرىيەلىكلەر، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. 13 ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ. 14 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بىر كۈندىلا باش ۋە قۇيرۇقنى، يەنى خورما دەرىخى ۋە قومۇشلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. 15 ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر. 16 بۇ ئەلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلقنى ئازدۇردى، ئازدۇرۇلغان بۇ خەلق ۋەيران قىلىندى. 17 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. 18 بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ. 19 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ، ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ. 20 ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ. سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ، بىراق يەنىلا تويمايدۇ. ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ، گۆشىنى يەيدۇ. 21 ماناسسە قەبىلىسى ئەفرايىم قەبىلىسىنى يەيدۇ، ئەفرايىم ماناسسەنى يەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti