يەشايا 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئاخاز پادىشاھقا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىي 1 پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى. 2 سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى. 3 پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭ شىئار-ياشۇبنى ئېلىپ ئاخاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. سەن ئۇنى، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئايىغىدىن، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدىن تاپالايسەن. 4 ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر. 5 سۈرىيە پادىشاھى ۋە رىماليانىڭ ئوغلى سۇيىقەست پىلانلاپ: 6 ‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ. 7 بىراق مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: ‹بۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم ھېچقاچان بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. 8 چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ، 9 سامارىيە شەھىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن سامارىيەنىڭ بېشى بولغان رىماليانىڭ ئوغلى پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ ئەگەر سەن ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇرمىساڭ، پۇت تىرەپ تۇرالمايسەن!›» ئىممانۇئېل _ «خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر» 10 پەرۋەردىگار يەشايا ئارقىلىق ئاخاز پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدى: 11 _ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە! 12 بىراق ئاخاز يەشاياغا: _ مەن سورىمايمەن، مەن پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى. 13 يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟ 14 ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ. 15 بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغۇچە سۈزمە بىلەن بال يەيدۇ. 16 بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ. 17 پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا، شۇنداقلا خەلقىڭگە ۋە خان جەمەتىڭگە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان شۇنداق بىر كۈننى سالىدۇ. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى باشلاپ كېلىدۇ. 18 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ. 19 ئۇلار كېلىپ تىك جىلغىلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىغا، چاتقاللىقلارغا ۋە يايلاقلارغا جايلىشىدۇ. 20 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇستىرىغا ئوخشاش چېچىڭنى، پۇتۇڭنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ. 21 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىنىلا تىرىك ساقلاپ قالالايدۇ. 22 ئۇلار كۆپ سۈت بەرگەنلىكتىن، بۇ ئادەم سۈزمە يەيدۇ. شۇ زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ سۈزمە ۋە بال يەيدۇ. 23 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ. 24 ئادەملەر ئۇ يەرگە ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئوقيالىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىننى ئازغان ۋە تىكەن قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. 25 بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسەن. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسەن. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti