يەشايا 65 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ گۇناھكارلارنى جازالىشى 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن سورىمىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدىم، مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم، مېنىڭ نامىمنى ئاتىمىغان خەلققە: ‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دەپ تۇردۇم! 2 مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن، لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ. 3 ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ، 4 ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئولتۇرۇپ، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزىدۇ. چوشقا گۆشى يەيدۇ، قاچىلىرىدا ھارام گۆشلەرنىڭ شورپىلىرى بولىدۇ. 5 شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما، چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك، خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ. 6 قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن. 7 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.» 8 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار: ‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن. 9 ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ. 10 شارون تۈزلەڭلىكى قوي توپلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىغا، ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ، بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ. 11 لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار، 12 مەن سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىغا قويىمەن، ھەممىڭلار ئۆلۈمگە باش ئېگىسىلەر، چۈنكى، چاقىرسام جاۋاب بەرمىدىڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدىڭلار، ئەكسىچە كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مەن خۇشال بولمايدىغان ئىشلارنى تاللىدىڭلار.» 13 شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر. 14 قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم قەلبلىرىدىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ، لېكىن سىلەر قەلبىڭلاردىكى ئازاب تۈپەيلى يىغلايسىلەر، روھىڭلاردىكى پىغان تۈپەيلى نالە-زار قىلىسىلەر. 15 مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن. 16 زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ، زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. چۈنكى بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.» يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن 17 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن يارىتىمەن، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ. 18 مەن ياراتماقچى بولغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مەڭگۈ شادلىنىڭلار. قاراڭلار، مەن يېرۇسالېمنى خۇشاللىق مەنبەسى، ئاھالىسىنى شادلىق مەنبەسى قىلىمەن. 19 مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ. 20 ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ. يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ. يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ. 21 ئۇلار ئۆي ياساپ، ئۆزلىرى ئولتۇرىدۇ، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ. 22 باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ، ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ، چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 23 ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ. 24 ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن. 25 بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ، شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ، يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti