يەشايا 64 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئى پەرۋەردىگار، ئاسماننى يېرىپ، پەسكە چۈشكەيسەن، تاغلار ئالدىڭدا تىترىسۇن! 2 خۇددى قۇرۇق ئوتۇننى ئوتتا كۆيدۈرگەندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن پەسكە چۈشسەڭ ئىمانسىز ئەللەرمۇ ئالدىڭدا تىترەيتتى، دۈشمەنلىرىڭمۇ سېنىڭ نامىڭنى بىلەتتى. 3 سەن بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغانىدىڭ، سەن پەسكە چۈشكەندە، تاغلار ئالدىڭدا تىترەپ كەتكەنىدى. 4 سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى. 5 ئادالىتىڭنى يۈرگۈزۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن، يولۇڭنى ئېسىدە ساقلىغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىسەن. بىز دائىم گۇناھ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، سەن غەزەپلەندىڭ، بىز يەنىلا قۇتقۇزۇلىمىزمۇ؟ 6 ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. 7 ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ، ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ. بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ. 8 لېكىن پەرۋەردىگار، سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز لاي، سەن كۇلالچى، بىز سېنىڭ قولۇڭدا ياسالغان. 9 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلىنىۋەرمە، گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن. قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە، بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز. 10 شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى، سىئون چۆللەشتى، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى. 11 بىزنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس، گۈزەل ئىبادەتخانىمىز، ئەجدادلىرىمىز سېنى مەدھىيەلىگەن ئاشۇ جاي كۆيدۈرۈۋېتىلدى، بىز قەدىرلىگەن بارلىق نەرسىلەر ۋەيران بولدى. 12 ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالامسەن؟ بىزنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ، جىم تۇرامسەن؟ |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti