Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 60 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى

1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.

2 قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن، مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.

3 ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.

4 ئەي يېرۇسالېم، تۆت ئەتراپىڭغا باق، خەلقلەر يېنىڭغا كېلىپ يىغىلىۋاتىدۇ. ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، كىچىك قىزلىرىڭمۇ قوللاردا كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ.

5 ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ، يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ، چۈنكى، دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ.

6 يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.

7 قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ، نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ، مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن.

8 بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان، كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟

9 ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.

10 يات خەلقلەر شەھەر سېپىللىرىڭنى قايتىدىن ياسايدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا خىزمەت قىلىدۇ. مەن غەزەپلىنىپ، سېنى جازالىغانىدىم، لېكىن بۈگۈن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، شەپقەت كۆرسەتمەكتىمەن.

11 شەھەر دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ، ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئەكېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ.

12 ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ، ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.

13 لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىسەن، مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.

14 سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.

15 گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.

16 پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.

17 تۇچنىڭ ئورنىغا ئالتۇن، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈش، ياغاچنىڭ ئورنىغا تۇچ، تاشنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھەدىيە قىلىمەن. ئامانلىقنى يېتەكچىڭ، ھەققانىيلىقنى نازارەتچىڭ قىلىمەن.

18 زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.

19 قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.

20 سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر، ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.

21 خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.

22 سانى ئازلىرى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدۇ، ئاجىزلىرى كۈچلۈك ئەل بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگار ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan