يەشايا 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەشايانىڭ پەيغەمبەرلىككە چاقىرىلىشى 1 ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى. 2 ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى. 3 ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار! پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 4 ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى تەۋرىتىۋەتتى، ئۇ يەر تۈتۈنگە تولدى. 5 مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم! 6 سىرافلارنىڭ بىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغان بىر چوغنى قولىدا تۇتۇپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى. 7 ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ: _ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى. 8 مەن يەنە ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي؟ كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن: _ مەن بۇ يەردىمەن، مېنى ئەۋەتىڭ! _ دېدىم. 9 ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ ئۇ خەلققە: «ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر، كۆرىسىلەر، بىراق ھېس قىلالمايسىلەر.» دەپ ئېيتقىن. 10 سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل! شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ. 11 كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە، 12 تاكى مەن بۇ خەلقنى يىراققا سۈرگۈن قىلىپ، بۇ زېمىنلار تاشلىۋېتىلگۈچە داۋاملىشىدۇ. 13 بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti