يەشايا 59 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەشايا پەيغەمبەرنىڭ خەلقنىڭ جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىشى 1 قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس، قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس. 2 لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. 3 قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار جىنايەت بىلەن بۇلغانغاندۇر. ئاغزىڭلار يالغانچىلىققا تولغان بولۇپ، تىلىڭلاردىن رەزىل سۆزلەرلا چىقىدۇ. 4 ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ. 5 ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ، ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ. بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ، تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ. 6 توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ، توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر، قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر. 7 ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 8 ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ، قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ، بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ. ئىسرائىللارنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىشى 9 شۇ سەۋەبتىن ئادالەت خەلقىمىزدىن بەك يىراقتىدۇر، ھەققانىيەت بىزنى قوغلاپ يېتىشەلمەيدۇ. بىز نۇرغا موھتاجمىز، بىراق پەقەت قاراڭغۇلۇق مەۋجۇتتۇر. بىز نۇرغا تەلپۈنىمىز، بىراق قاراڭغۇلۇقتا ياشايمىز. 10 بىز خۇددى قارىغۇلاردەك تامنى سىلايمىز، خۇددى ئەما ئادەمدەك ئەتراپىمىزنى ئىزدەيمىز. چۈش ۋاقتىدىمۇ پۇتلىشىمىز خۇددى شام ۋاقتىدىكىدەك، كۈچتۈڭگۈرلەر ئارىسىدا بىز خۇددى ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايمىز. 11 بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر. 12 ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە، گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا، بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز. گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز: 13 ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر، خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز، ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ. 14 ئادالەت چېكىندى، ھەققانىيەت يىراقتا، سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن، ئادىللىق كېلەلمەيدۇ. 15 سەمىمىيەت ئازلىغان، ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ. پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولمايدۇ، چۈنكى ئادالەت يوقتۇر. خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى 16 پەرۋەردىگار ئادالەت ئۈچۈن ئۆتۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. 17 ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ. 18 ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ، ئۇلارنى جازالايدۇ، يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ. 19 كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ. 20 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر قۇتقۇزغۇچى چوقۇم سىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى گۇناھتىن قول ئۈزگەنلەرگە كېلىدۇ.» 21 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti