Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 54 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى

1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.

2 چېدىرلىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكىن، چېدىرىڭنىڭ رەختلىرىنى چوڭ يايغىن، ھېچ نەرسىنى ئايىمىغىن، ئارقانلارنى ئۇزۇن قىلىپ، قوزۇقلارنى چىڭ قاققىن.

3 چۈنكى سەن ھەر تەرەپكە كېڭىيىسەن، ئەۋلادلىرىڭ ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەرنى ئۇلار ئاۋات قىلىدۇ.

4 قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.

5 چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن، مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر. مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن. مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.

6 سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن، سەن خۇددى ياش ۋاقتىڭدىلا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرتىپ كېلىمەن. مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ سۆزلىرىدۇر.

7 مەن سېنى قىسقا ۋاقىت تاشلىۋەتتىم، لېكىن مەن قاتتىق ھېسداشلىقىم بىلەن سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن،

8 مەن بىر مەزگىل قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈگەنىدىم. مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. مانا بۇ، سېنى قوغدايدىغان، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

9 خۇددى نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدە توپان بالاسىنىڭ يەر-زېمىننى قايتا غەرق قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلغىنىمدەك، ساڭىمۇ ھېچقاچان غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن، سېنى جازالىمايدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن،

10 تاغلار ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، دۆڭلەر تۈزلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم سەندىن ئايرىلمايدۇ، مېنىڭ تىنچلىق ئەھدەم ئۆزگەرمەيدۇ. مانا بۇ، ساڭا ھېسداشلىق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

11 ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.

12 سېنىڭ راۋاقلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن ياساپ چىقىمەن، شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى گۆھەرلەردىن ياسايمەن، شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرۇپ چىقىمەن.

13 بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم تەربىيە بېرىمەن. ئۇلار تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىدۇ.

14 سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.

15 ئەگەر بىراۋ ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس، ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن.

16 قارا، چوغنى يالقۇنلىتىپ، قورال-ياراغ ياسايدىغان تۆمۈرچىنى مەن ياراتتىم. ۋەيران قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتتىم.

17 ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan