يەشايا 52 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ يېرۇسالېمنى قۇتقۇزۇشى 1 ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ. 2 ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن. 3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.» 4 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمدە خەلقىم مىسىرغا بېرىپ ياشىغانىدى، كېيىن ئاسسۇرلار ئۇلارغا زۇلۇم سالدى.» 5 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا. 6 ئەمما، خەلقىم ھامان نامىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ كۈن كەلگەندە، ئۇلار ‹مانا مەن بۇ يەردىمەن› دەۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.» 7 تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ. 8 قۇلاق سېلىڭلار، قاراۋۇللىرىڭلار ۋارقىرىماقتا، بىردەك ئالقىش ياڭراتماقتا. چۈنكى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سىئونغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. 9 ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، سىلەر ھەممىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ، يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ. 10 پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ. 11 كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار، 12 سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئازابلانغان خىزمەتكارى 13 قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ. 14 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالىدۇ، تېنى قاتتىق زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياقى ئادەم زاتىغا ئوخشىماي قالغانىدى. 15 مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti