يەشايا 51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ھەققانىيلىققا ئىنتىلىپ، مېنى ئىزدىگەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۆزۈڭلار ئويۇپ ئېلىنغان ئاشۇ قورام تاشنى ئەسلەپ بېقىڭلار، قەيەردىن قېزىپ ئېلىنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار. 2 ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم. 3 مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ. 4 ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ، ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ. 5 مېنىڭ ھەققانىيلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن. دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ. 6 سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار، ئېڭىشىپ زېمىنغا قاراپ بېقىڭلار. ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ، زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ. زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. 7 ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر، مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. 8 چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.» 9 ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ! 10 دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ! 11 پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ. 12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟ 13 ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟ 14 ئەسىردىكىلەر ئازادلىققا چىقىدۇ، ئۇلار زىنداندا ئۆلمەيدۇ، ئۇلار يېمەكلىككىمۇ زار بولمايدۇ. 15 چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن دېڭىز سۈيىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ، دېڭىز شاۋقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايمەن. ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار› بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. 16 سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم، قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم. بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغانمەن، ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېگەنمەن.» يېرۇسالېمنىڭ ئازابىنىڭ ئاخىرلىشىشى 17 ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ. 18 ئۆزۈڭ تۇغقان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يۆلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى. ئۆزۈڭ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى. 19 بېشىڭغا قوش ئاپەت كەلدى، كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇرار؟ ۋەيرانچىلىق، ھالاكەت، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ئاپىتى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشتى، كىممۇ ساڭا تەسەللى بېرەر؟ 20 ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك، كوچا-كوچىلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى. 21 ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر، سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس. شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى، 22 ئىگەڭلار پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولىڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، قەدەھتىكى ئازابقا تولغان شارابنى ئېلىۋالدىم، ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر. 23 مەن ئەمدى بۇ قەدەھنى سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ قولىغا بېرىمەن. ئۇلار سىلەرگە: ‹يەردە يات، بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز!› دېگەنىدى. سىلەر يەردە يېتىپ دۈمبەڭلارنى ئۇلارغا يول قىلىپ بەردىڭلار، ئادەملەر ئۈستۈڭلاردىن خۇددى كوچىدا ماڭغاندەك دەسسەپ مېڭىشتى.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti