يەشايا 46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە بابىلنىڭ ساختا ئىلاھلىرى 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھ بېلنىڭ تىزى چۆكىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلىرى ھايۋانلارغا يۈكلەپ قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ. 2 بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ، بۇ ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكسىچە بۇ كېرەكسىز ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن ئەسىرلىككە تاپشۇرۇلىدۇ. 3 ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامان قالغان پۇقرالىرى! سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن سىلەرنى قوللاپ كەلدىم، سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن كۈندىن باشلاپلا مەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدىم. 4 تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق، مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق. مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. 5 سىلەر مېنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كىم بىلەن تەڭ قىلىۋاتىسىلەر؟ ھېچكىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، ماڭا تەڭ بولىدىغىنى يوقتۇر! 6 بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ. 7 ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ. 8 ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. 9 ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار، مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. 10 مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن. 11 مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن، ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ. مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن، مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن! 12 ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي جاھىللاشقان، ھەققانىيلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن خەلقىم، 13 مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەتنى يۈرگۈزىمەن، ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ، مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن، مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شۆھرىتىمنى بېرىمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti