Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بەخت ئاتا قىلىشى

1 «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.

2 سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن، سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار!

3 مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.

4 ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك، دەريا بويىدىكى تېرەكلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ.

5 بەزىلەر: ‹مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ› دەيدۇ، بەزىلەر: ‹مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادى› دەيدۇ، بەزىلەر قولىغا: ‹پەرۋەردىگارنىڭكى› دەپ يېزىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى ‹ئىسرائىللار› دەپ ھېسابلايدۇ.»

6 ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوق.

7 كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن. ئۇ ماڭا، خەلقىمنى قەدىمدە تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن.

8 قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار! بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم! مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟ يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.»


كېرەكسىز بۇتلار

9 بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.

10 پەقەت ئەخمەق كىشىلەرلا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتنى ياسايدۇ.

11 بۇت ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاجىز ئىنسان ئەمەسمۇ! ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى قورقۇنچ باسىدۇ، ئۇلار نومۇس قىلىدۇ.

12 بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى مېتال ئەسۋاب بىلەن بۇيۇمنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ، بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ، قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ، قورسىقى ئېچىپ ۋە ھېرىپ كېتىدۇ، ئۇ چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ.

13 ياغاچچى ياغاچنى ئۆلچەپ، نەدىن كېسىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئىسكىنە ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەپ، بۇتخانىغا قويۇپ قويىدۇ.

14 ئۇ كېدىر ياغىچىنى كېسىدۇ، ياكى ئورمانلىقتىكى كىپارىس، دۇپ دەرىخىنى تاللاپ قويۇپ، چوڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئۇنى كېسىدۇ، ياكى قارىغاينى ئۆزى تىكىدۇ، يامغۇرلار ئۇنى چوڭ قىلىدۇ.

15 بۇ دەرەخنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ ئىسسىنىدۇ ھەم نان پىشۇرىدۇ. يەنە بىر قىسمىدا ئۆزى چوقۇنىدىغان بىر «ئىلاھ»نى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.

16 ئۇ ياغاچنىڭ بىر قىسمىنى قالاپ گۆش پىشۇرۇپ، قورساقنى تويدۇرىدۇ ۋە ئىسسىنىدۇ. ئۇ: «مەن ئوتقا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئىسسىنىۋالدىم» دەيدۇ.

17 ئۇ قالغان بىر قىسىم ياغاچتا بىر بۇت ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنىدۇ، ئۇ: «سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.

18 ئۇلار ھەقىقەتەن ئەخمەق، كۆزلىرى كور كۆرەلمەيدۇ، قەلبى تۇتۇق چۈشەنمەيدۇ.

19 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ، ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، ھېچكىم ھوشىنى تېپىپ: «مەن ياغاچلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىسسىنىشقا، نان ۋە گۆشلىرىمنى پىشۇرۇشقا ئىشلەتتىم. ئەجەبا قالغان بىر قىسىم ياغاچتا يىرگىنچلىك بۇت ياسىمىدىممۇ؟ بىر تال ياغاچقا چوقۇنۇپ تەزىم قىلمىدىممۇ؟» دەپ ئويلىمايدۇ.

20 ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇشى

21 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار! بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم. مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇشقا ياراتتىم، مەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

22 مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»

23 ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.

24 سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.

25 مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.

26 ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›

27 مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.

28 مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم، ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن، ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan