Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقىيىشى

1 پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن ئۆلىسەن، ساقىيالمايسەن، _ دېدى.

2 پادىشاھ خىزكىيا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:

3 «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم بىلەن، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

4 بۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن يەشايا پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى:

5 «سەن پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم.

6 مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. بۇ شەھەرنى قوغدايمەن دېدى› دەپ ئېيت.»

7 يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر:

8 «قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.» شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى.

9 يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:

10 «مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە، گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟ قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟›

11 مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان: ‹بۇ يورۇق دۇنيادا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارنى كۆرەلمەيمەن، بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا مەن ئەمدى ئادەملەرنى كۆرەلمەيمەن.

12 خۇددى قويچى چېدىرىنى سۆكۈپ كەتكەندەك، ھاياتىم مەندىن تارتىپ ئېلىندى. خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك، ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

13 مەن كېچىچە ئازابلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ چىقتىم، خۇددى شىر ئۇستىخانلىرىمنى پارچە-پارچە قىلغاندەك. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

14 مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›

15 ئەمما مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ ئۇ ماڭا نېمە دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى قىلدى. مەن ھاياتىمنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزىمەن، چۈنكى مېنىڭ قەلبىم كۆپ ئازاب چەككەن.

16 ئى ئىگەم، سېنىڭ تەربىيەلىرىڭ ئىنساننى چىن ھاياتلىققا باشلايدۇ، مېنىمۇ ھاياتلىققا باشلايدۇ. سەن ماڭا ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ، قايتا ھاياتلىق بەردىڭ.

17 مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.

18 گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ، ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ، لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ.

19 لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك، ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ. ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ.

20 پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزدى، بىز بارلىق ھاياتىمىزنى ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈپ، تارلىق سازلىرىمىزنى چېلىپ، ئۇنى مەدھىيەلەيمىز.»

21 ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارىغا: «ئەنجۈرنى ئېزىپ، ئۇنى ئىششىقىغا سۈرتسەڭ، خىزكىيا ساقىيىدۇ» دېگەنىدى.

22 شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan